خىتاي ھۆكۈمىتى كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستىيا فرىلەندنىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن باھاسى سەۋەبلىك ئۇنى قاتتىق ئەيىبلىگەن.
كانادادا چىقىدىغان «يەرشارى ۋە پوچتا» تورىنىڭ 21-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى گېڭ شۇاڭ 20-ئاۋغۇست كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ئاساسسىز باھالىرى قايتا-قايتا ئوتتۇرىغا چىقماقتا. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئېغىر دەرىجىدە ئارىلاشتى،» دەپ كانادا ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلىگەن. گېڭ شۇاڭنىڭ بۇ سۆزلىرى CCTV نىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسىدىمۇ قويۇلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىستىيا فرىلەند 17-ئاۋغۇست كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تاشقى سىياسىتىگە مەسئۇل خادىمى فېدېرىكا موگېرىنى بىلەن بىرلىكتە بىر بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭ ۋەزىيىتىنى «قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان زوراۋانلىق ۋەقەسى» دېگەن باياناتىغا قارشى بايانات بېرىپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نېگىزلىك ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان.
CCTV نىڭ خەۋەرلەر پروگراممىسىدا «بۇ كرىستىيا فرىلەندنىڭ بۇ يىل ماي ئېيىدىن بۇيانقى ئۈچىنچى قېتىم خوڭكوڭ ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىشىدۇر. جۇڭگو تەرەپ كانادانى خوڭكوڭ مەسىلىسىدە ھوشيار پوزىتسىيەدە بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ،» دېيىلگەن.
18-ئاۋغۇست ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپ خىتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سودا سۆھبىتى ھەققىدە سۆز قىلىپ، «ئەگەر ‹تىيەنئەنمېن ۋەقەسى› گە ئوخشاش زوراۋانلىق قايتا يۈز بەرسە، خىتاي بىلەن بولغان سودا كېلىشىمىمىز ئاخىرلىشىدۇ،» دېگەن. بۇنىڭغا قارىتا خىتاي تەرەپمۇ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ خوڭكوڭ مەسىلىسىنى ئىزچىل تىلغا ئالسا، ئۇلار بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋىتىمىز بۇزۇلىدۇ،» دېگەن.