خوڭكوڭ قانۇن ساھەسىدىكىلەر خىتاينىڭ 104-ماددا ئىزاھاتىغا نارازىلىق بىلدۈردى

8-نويابىر سەيشەنبە كۈنى خوڭكوڭدا 2000 دەك ئادۋوكات ۋە قانۇن ساھەسىدىكىلەر، قارا كىيىم كىيىپ كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلىش ئارقىلىق، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيىدا 7-نويابىر قاراردىن ئۆتكەن خوڭكوڭ ئاساسىي قانۇن 104 ‏-ماددىسى ئىزاھاتىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.

تۈنۈگۈن خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى مەزكۇر قانۇن ئىزاھاتىنىڭ قاراردىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، 10 مىڭدىن ئارتۇق خوڭكوڭلۇق نامايىش قىلىپ نارازىلىق بىلدۈرگەن. خوڭكوڭ ئادۋوكاتلار بىرلەشمىسىمۇ نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ، «خوڭكوڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ئاساسىي قانۇنى»نىڭ 104-ماددىسى ئىزاھاتىدىكى خوڭكوڭ پالاتا ئەزالىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى «جۇڭگو خوڭكوڭ ئالاھىدە رايونىغا سادىق بولۇشى، ئاساسىي قانۇننى ھىمايە قىلىشى كېرەك» دېگەندەك بەلگىلىمىلەرنى تەنقىدلەپ، «مەزكۇر قانۇن ئىزاھاتى خوڭكوڭ خەلقىنىڭ خىتاي ۋەدە قىلغان ‹بىر دۆلەت ئىككى خىل تۈزۈم› ۋەدىسىگە بولغان ئىشەنچىنى يوقاتتى» دېگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا 8-نويابىر كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «خوڭكوڭدا داۋاملىشىۋاتقان نارازىلىق ئاز ساندىكى بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ قۇتراتقۇلۇقى ۋە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتى» دەپ ئەيىبلىدى.