خوڭكوڭ سوتى يەنە 4 نەپەر مۇستەقىلچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى

ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ 2-دېكابىر خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭ سوتى جۈمە كۈنى قارار چىقىرىپ، ليۇ شاۋلى، ياۋ سۇڭيەن، لو گۇەنسۇڭ لياڭ گوشۇڭ قاتارلىق يەنە 4 نەپەر مۇستەقىلچى پارلامېنت ئەزاسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىقىنى ئىناۋەتسىز قىلغان.

مەزكۇر سوت بۇ يىل 11-ئاينىڭ 15-كۈنى 1-قېتىم قارار چىقىرىپ، لياڭ سۇڭخېڭ بىلەن يۇ خۇيجېن ئىسىملىك ئىككى ياش پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان ئىدى. خوڭكوڭ سوتىنىڭ جۈمە كۈندىكى 2-قېتىملىق سوت قارارى خوڭكوڭدا يەنە بىر قېتىم نارازىلىق ئىنكاسى قوزغىدى. بۇ ھەقتىكى ئىنكاسلاردا خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىمى سەۋەبلىك خوڭكوڭدا ئوخشىمىغان قاراشلارنى ئىپادىلەش، ھۆكۈمەتكە پىكىر بېرىش ئەركىنلىكىنىڭ يەنە بوغۇلغانلىقى، دېموكراتىيە چەمبىرىكىنىڭ بارغانچە تارىيىۋاتقانلىقى ئەيىبلەندى.

خوڭكوڭ سوتى تەرىپىدىن پارلامېنت ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنغان بۇ 6 نەپەر پارلامېنت ئەزالىرى 2014-يىل خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان كۈنلۈك ئىنقىلابى نامىدىكى خوڭكوڭدا دېموكراتىيىنى تەلەپ قىلىش نامايىشىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارغان ياش ئوقۇغۇچىلار. ئۇلار بۇ يىل ياز خوڭكوڭدا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا ئۇتۇپ پارلامېنتقا كىرگەن. بىراق، ئۇلار پارلامېنتتىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمىدا ئۆلچەملىك قەسەمنامىنى ئوقۇشنى ۋە خىتاي بايرىقىغا قاراپ تۇرۇپ قەسەم بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن خوڭكوڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن سوتقا ئەرز قىلىنغان ۋە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خوڭكوڭدا كۈچىيىۋاتقان مۇستەقىللىق ئىدىيىسىگە قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.