19-مارت كۈنى خوڭكوڭ دائىرىلىرى «سايلام» ئارقىلىق يېڭىدىن تۈزۈپ چىقىلغان «خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى تولۇق ئاۋاز بىلەن ماقۇللىدى. بۇنىڭ بىلەن خوڭكوڭنىڭ خەۋپسىزلىك قانۇنى مەزمۇن جەھەتتە چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى خەۋپسىزلىك قانۇنىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇلدى.
CNN نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 200 بەتتىن ئاشىدىغان بۇ يېڭى قانۇندا خەۋپسىزلىك مەسىلىلىرى بويىچە «جىنايەت» دەپ بېكىتىشكە بولىدىغان ئىشلارنىڭ سانى تېخىمۇ كۆپەيتىلگەن. جۈملىدىن «خائىنلىق»، «جاسۇسلۇق»، «ئىچكى ئىشلارغا ئارىلاشقانلىق» دەپ خاراكتېرلىنىدىغان قىلمىشلارنىڭ دائىرىسى زور دەرىجىدە كېڭەيتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن 2020-يىلى ئېلان قىلىنغان «خەۋپسىزلىك قانۇنى» تېخىمۇ كۈچلۈك ئاساسقا ئىگە قىلىنغان. خوڭكوڭنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى جون لې كاچيۇ (John Lee Ka-chiu) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ: «بۇ قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى خوڭكوڭ ئۈچۈن بىر تارىخىي ۋەقەدۇر. بىز مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدۇق» دېگەن.
ھالبۇكى، ھەر ساھە كىشىلىرى بۇ ھالنىڭ خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيەنى تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ۋەيران قىلىشقا ئاكتىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. جورجتاۋن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇنشۇناسلىق پروفېسسورى ئېرىك لاي (Eric Lai) بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «خوڭكوڭ دائىرىلىرى ھازىر بۇ يېڭى قانۇن ئارقىلىق خوڭكوڭدىكى ئۇچۇر ئەركىنلىكى ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ قاتتىق بوغۇشنى كۆزلەۋاتىدۇ» دېگەن.
ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى 1997-يىلى خوڭكوڭنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، خىتاي ھۆكۈمىتى «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم بولۇش ھالىتى 50 يىلغىچە ئۆزگەرمەيدۇ» دەپ ۋەدە بەرگەن. شۇنداقلا بۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى ئاپتونومىيە بويىچە ئىدارە قىلىنىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەمما ئارىدىن 20 يىلمۇ ئۆتمەستىن خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك باستۇرۇلۇشقا باشلىغان. ئەمدى بۇ يېڭى قانۇننىڭ ماقۇللىنىشى بولسا خوڭكوڭدىكى ئاپتونومىيەنىڭ ئاخىرقى قەلئەلىرىنى ۋەيران قىلىدۇ، دەپ قارالماقتا.