ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرى خوڭكوڭدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيىنى قوغداش ھەققىدە قانۇن لايىھەسى سۇندى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئىككى جۇمھۇرىيەتچى، دېموكراتىك پالاتا ئەزاسى جۈمە كۈنى «خوڭكوڭدا ئەركىنلىك-دېموكراتىيەنى قوغداش قانۇن لايىھەسى» سۇنۇپ، خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدا ئەركىنلىك، دېموكراتىيەنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلغان.

قانۇن لايىھەسىنى دېموكراتىك كېڭەش پالاتا ئەزاسى شەرود بروۋېن بىلەن جۇمھۇرىيەتچى ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سمىس تەييارلىغان. مەزكۇر قانۇن لايىھەسىدە بۇرۇنقى «ئامېرىكا-خوڭكوڭ سىياسەت قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغان -قىلمايۋاتقانلىقىنى نازارەت قىلىش، بۇ توغرۇلۇق ھەر يىلى دوكلات ئېلان قىلىش تەلەپ قىلىنغان.

كېڭەش پالاتا ئەزاسى شەرود بروۋېن قانۇن لايىھەسى ھەققىدە توختىلىپ، خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە، ئەركىنلىكى بېيجىڭنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراۋاتىدۇ. شۇڭا، قانۇن چىقىرىپ، خوڭكوڭ خەلقىنىڭ ئاپتونومىيە ۋە ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، دېگەن.

ئامېرىكا 1992‏- يىلى «خوڭكوڭ سىياسەت قانۇنى» چىقىرىپ، خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسىنى ۋە بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنى قوللىغان. ئاۋام پالاتا ئەزاسى كرىستوفېر سمىس، خوڭكوڭ ئاپتونومىيەسى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋاملىق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ كەلدى. بۇ، دۇنيادىكى ھەرقانداق يېرىدىكى ئەركىنلىكنى سۆيىدىغان كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ، دېگەن.