خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭغا «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى تاڭماڭتىكەن

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، پەيشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى خوڭكوڭنى «دۆلەت خەۋپسىزلىكى قانۇنى» نى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مەسىلىسىدە ئاگاھلاندۇرغان. ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر قانۇننىڭ خوڭكوڭنىڭ ئەركىنلىكنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلەيدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پەيشەنبە كۈنى، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى فېي بۇ ھەقتە توختىلىپ، خوڭكوڭدىكى بۇ «قانۇن بوشلۇقى» نىڭ چوقۇم تولدۇرۇلۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن ۋە «بىز بۇ بوشلۇقنىڭ زىيانلىق نەتىجىلىرىنى كۆرۈۋاتىمىز،» دېگەن.

خوڭكوڭدا ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭ دېموكراتىيىسى ئۈستىدىكى تەسىرىنىڭ زورىيىشىغا بولغان نارازىلىقى ئالاھىدە كۆزگە كۆرۈنۈپ كەلگەن ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جوشۇۋا ۋاڭ قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار رەھبەرلىرى باشچىلىقىدا «كۈنلۈك ھەرىكىتى» قاتارلىق دېموكراتىك نامايىشلار يۈز بەردى. كېيىن بۇ ھەرىكەت تارقاقلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، خوڭكوڭدىكى ئالىي مەكتەپلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نارازىلىق ھەرىكەتلىرى ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇللاردا ئىپادىلىنىپ كەلدى. مەسىلەن، خوڭكوڭدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇسابىقىلەردە خىتاي دۆلەت مارشى ئورۇنلانغاندا ئوقۇغۇچىلارنىڭ شوئار توۋلاش ياكى تەتۈر قارىۋېلىش ئارقىلىق قارشىلىق بىلدۈرۈشى ئەڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر ۋەقە ئاخباراتلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

رويتېرس ئاگنتلىقىنىڭ بىلدۈرشىچە، خىتاي قانۇن كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى فېي بىر يېرىم سائەت داۋام قىلغان سۆزىدە، تىغ ئۇچىنى مۇشۇ ۋەقەلەرگە تەگكۈزۈپ تۇرۇپ، «ئۇلارنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرى تولىمۇ چاكىنا. ئۇ قانۇنسىزلۇقنى مەنبە قىلغان. بىز بۇنداق ھەرىكەتلەرگە قىلچىلىكمۇ ئىككىلەنمەي قەتئىي قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك،» دېگەن.

خىتاي تېخى يېقىندا دۆلەت مارشىنى مەسخىرە قىلغانلارنى قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىدىغان بىر قانۇننى ماقۇللىغان ئىدى. كۆزەتكۈچىلەر نۆۋەتتە خىتاينىڭ بۇ قانۇننى خوڭكوڭغىچە كېڭەيتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىشماقتا. ئەمما خوڭكوڭ يەرلىك ھۆكۈمىتى «خەۋپسىزلىك قانۇنى» نى ھازىرقىدەك نازۇك بىر شارائىتتا خوڭكوڭغا تېڭىشى ياخشى ئاقىۋەت ئېلىپ كەلمەيدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇرماقتىكەن.