بىر قىسىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى سايلامغا ئارىلاشقانلىقىنى تەنقىدلىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خوڭكوڭدا يەكشەنبە كۈنى ئېلىپ بېرىلغان سايلامدا خىتاي ھۆكۈمىتى بېكىتكەن نامزاتلار ئىچىدىن كەررىي لەم خوڭكوڭ ۋالىيلىقىغا سايلانغان بولۇپ، كەررىي لەم ئۆزىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئالاھىدە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلىدىغان نامزات ئىكەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەجلىسى قارمىقىدىكى خىتاي ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقلىرى ماركو رۇبىيو ۋە كىرىستوفېر سىمىس دۈشەنبە كۈنى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوڭكوڭدىكى ئاللىقاچان ناھايىتى چەكلەنگەن بىر شارائىتتا ئېلىپ بېرىلغان سايلامدىمۇ سايلام كومىتېتىغا بېسىم قىلىش ئارقىلىق سايلامغا ئارىلاشقانلىقىنى، بۇ ۋەزىيەتنىڭ ئۆزلىرىدە جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
كىرىس سىمىس كەررىي لەمنىڭ بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تاللىغان بىرىلىقىنىڭ ناھايىتى ئېنىقلىقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، خوڭكوڭنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ بۇندىن كېيىن يەنىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خوڭكوڭ ۋالىيسى سايلىمى ئۇزۇندىن بېرى دىققەت نۇقتىسى بولۇپ كەلگەن ۋە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نامايىش قىلىپ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئارىلىشىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردىن قارىغاندا، سايلام نەتىجىسى ئېنىق بولغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار نامايىشى يېتەكچىلىرى ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ سوراق قىلغان.