بېيجىڭنىڭ خوڭكوڭدا تۇرۇشلۇق ئالاقىلىشىش ئىشخانىسى قانۇن بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېنمىننىڭ 29-ئاپرېل كۈنى قىلغان سۆزى خوڭكوڭدىكى ھەر ساھە كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.
ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئەگەردە بەزىلەر خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيەسى ئارقىلىق جۇڭگو بىلەن تىركەشسە ياكى دۆلەتنىڭ بۇ يەردىكى مەۋجۇتلۇقىغا تەھدىت سالسا، ھەرقانداق بىر دۆلەت ‹ئىككى خىل تۈزۈم› نى داۋاملاشتۇرۇشقا ئامالسىز قالىدۇ.»
ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن: «خوڭكوڭنىڭ ئالىي مۇختارىياتى ھەرگىزمۇ دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە زەرەر كەلتۈرمەسلىكى كېرەك. ئەگەردە ‹بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈم› مەغلۇپ بولسا، خوڭكوڭنىڭ تارتىدىغان زىيىنى ئەلۋەتتە جۇڭگونىڭ زىيىنىدىن نەچچە ھەسسە چوڭ بولىدۇ.»
ئۇ يەنە ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېگەن: «ئەگەردە بەزىلەر خوڭكوڭنى جۇڭگوغا قارشى بىر بازىغا ئايلاندۇرماقچى بولىدىكەن، جۇڭگو ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ھەرگىزمۇ سۈكۈت قىلمايدۇ.»
كۆزەتكۈچىلەر، ۋاڭ جېنمىننىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرى خىتاينىڭ خوڭكوڭغا بەرگەن ئاپتونومىيەسىنىڭ ئۇزاققا بارالمايدىغانلىقىدىن سىگنال بەرمەكتە، دەپ ھېسابلىماقتا.