خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىنىڭ 20 يىللىقى ئۈچۈن خوڭكوڭغا كەلگەن خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ قارشىلىق نامايىشىغا دۇچ كەلدى.
شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭ زىيارىتى مۇناسىۋىتى بىلەن خوڭكوڭدا ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىنغان بولسىمۇ، مىڭلىغان نامايىشچىلار خوڭكوڭدىكى ۋىكتورىيە باغچىسىغا يىغىلىپ شى جىنپىڭدىن خوڭكوڭغا ئۇنىۋېرسال بىلەت تاشلاش ھوقۇقى بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
س ن ب س خەۋەر قانىلىنىڭ نەقىل قىلىشىچە، نامايىشقا قاناشقان خوڭكوڭ پارلامېنت ئەزاسى ئەدىي چۇ: «بۇ ئۆتكەن 20 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ جىددىي نامايىش» دېدى.
خەۋەرگە قارىغاندا، نامايىشچىلار 2014-يىلدىكى«كۈنلۈك» ھەرىكىتىنىڭ سىمۋولى سۈپىتىدە سېرىق رەڭلىك كۈنلۈك ۋە خىتاينىڭ «بىر پارتىيىلىك تۈزۈمى» نى ئەيىبلەيدىغان پلاكاتلارنى كۆتۈرۈشكەن ئىدى. بۈيۈك بىرتانىيە 1997-يىلى 1-ئىيۇل خوڭكوڭدىكى 150 يىللىق ھۆكۈمرانلىقىنى ئاياغلاشتۇرۇپ، ئۇنى كېلىشىم بويىچە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئەينى يىلى ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان كېلىشىمدە «بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۇزۇم بولۇش» پىرىنسىپى بويىچە خىتاي خوڭكوڭنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى ۋە كاپىتالىستىك تۈزۈمىگە ھۆرمەت قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.
ھالبۇكى، بېيجىڭ دائىرىلىرى خوڭكوڭغا قارىتىلغان كونتروللۇقىنى بارا-بارا كۈچەيتكەن ۋە خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيە دەرىجىسىنى تارايتقان، بۇ خوڭكوڭلۇقلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.خوڭكوڭ خەلقى 2014-يىلى سېنتەبىر كەڭ كۆلەملىك نامايىشى قىلىپ بېيجىڭ دائىرىلىرى تەيىنلىگەن خوڭكوڭ ۋالىيسىنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى، ئۆز رەھبىرىنى ئۆزى سايلاش ھوقۇقنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان. «كۇلۇك ھەرىكىتى» دەپ ئاتالغان مەزكۇر نامايىشى 3 ئايدىن ئوشۇق داۋام قىلغان بولسىمۇ، نەتىجىسىز ئاياغلاشقان ئىدى.
1-ئىيۇل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خوڭكوڭ ۋالىيسى لىن جېڭ يۆئېنىڭ قەسەمياد مۇراسىمىغا باش بولدى ۋە ئۇنى ۋەزىپىگە تەيىنلىدى. ئۇ، مۇراسىمدا قىلغان سۆزىدە خوڭكوڭلۇقلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ: «خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكى ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەتنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا ئېلان قىلىنغان ھەرقانداق رىقابەت، ياكى خوڭكوڭنى بازا قىلىپ تۇرۇپ چوڭ قۇرۇقلۇققا سىڭىپ كىرىش ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرى قىزىل سىزىقتىن ئۆتۈش ھەرىكىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ ھەمدە بۇنىڭغا مۇتلەق يول قويۇلمايدۇ» دېدى.
شۇ كۈنى ۋەزىپىگە ئولتۇرغان لىن جېڭ يۆئېمۇ بۇ جەھەتتە شى جىنپىڭ بىلەن مەيدانى بىردەكلىكىنى بىلدۈردى. ھالبۇكى، قەسەم بېرىش مۇراسىمى داۋا قىلىۋاتقان مەزگىلدە مەزكۇر يىغىن مەيدانىغا يېقىن جايغا ۋە ۋىكتورىيە باغچىسىغا يىغىلغان نامايىشچىلار يەنىلا خوڭكوڭنىڭ ئۇنىۋېرسال ئاۋاز بېرىش ھوقۇقنى تەلەپ قىلىش شوئارلىرىنى داۋام قىلدى.
خوڭكوڭنىڭ كېيىنكى تەقدىرى ۋە بارغانچە تارىيىۋاتقان دېموكراتىك تۈزۈمىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە يولۇقىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. ئەمما، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنىدىكى باياناتىدا، ئەنگلىيە خىتاي ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدا 1984-يىلى ئىمزالانغان «ئەنگىلىيە-خىتاي قوشما ئاخباراتى» نىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، دىققەت قوزغىغان.