خوتەن ۋىلايىتى پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىك بىلەن جازالانغان خىتاي ئەمەلدارلىرى ئەڭ كۆپ چىققان ۋىلايەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالغان


28-دېكابىر كۈنى قارىقاش ناھىيەلىك پارتكومغا ئاپتوموبىللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشى چېن چۋەنگونىڭ تىبەتتە قوللانغان بىر يۈرۈش ئىدارە قىلىش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئاقمايدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە.

خوتەن ۋىلايىتى ئۇيغۇرلار نوپۇسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدىغان، ئۇيغۇر ئېلى بويىچە ۋەزىيىتى ئەڭ سەزگۈر بىر رايون بولۇشىغا قارىماي، بۇ يەردىكى يوقىرى قاتلام خىتاي ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا «پارىخورلۇق»، «چىرىكلىك» ۋە «ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» قىلمىشلىرى بىلەن جازالانغانلار ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ۋىلايەت بولۇپ قالغان.

قاراقاشتا ۋەقە يۈز بېرىپ، ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتمەيلا، خوتەن ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى جاڭ جىنبياۋ بىلەن قارىقاش ناھىيەلىك پارتكونىڭ سېكرىتارى خۇ جۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان.

خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ بۇ ھەقتە چىقارغان ئۇقتۇرۇشىدا خوتەندىكى يوقىرى دەرىجىلىك بۇ ئىككى نەپەر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ «پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئورۇندىيالمىغانلىقى» ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى ۋە تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، خوتەن ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى، قوشۇمچە گۇما ناھىيەلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى شېن يىنىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇندىن باشقا، خىتاي تاراتقۇلىرى يەنە بۇ يىل 4-ئايدا خوتەن شەھەرلىك پارتكومنىڭ سېكرىتارى چېن يۋەنخۋانىڭ «ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىش» جىنايىتى بىلەن جازالانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

مۇھاجىرەتتىكى سىياسىي ئانالىزچىلار، ئۇيغۇر دىيارىدا دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلىۋاتقان خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ «پارىخورلۇق» ۋە «چىرىكلىك» كە، ئەمما يەرلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلارنىڭ بولسا «سىياسىي مەيدان» مەسىلىسىگە چېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.