خوتەندىكى دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتنىڭ يېتەرسىزلىكى بىمارلارغا قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان

مەلۇم بولۇشىچە، خوتەن ۋىلايەتلىك خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ چاقىرغۇ سېستىمىسى خىتايچە بولۇپ، بىمارلارنى چاقىرىش، ۋاقىت جەدۋىلىنى ئۇقتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر خىتايچە سۆزلىنىدىغان ۋە خىتايچە يېزىلىدىغان بولغاچقا، بۇ دوختۇرخانىدىكى موتلەق كۆپ ساندىكى بىمارلارغا قىيىنچىلىق ئېلىپ كەلگەن.

بىمارلارنىڭ 95% ىنى ئۇيغۇرلار ئىگىلەيدىغان خوتەندىكى دوختۇرخانىدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ چەتكە قېقىلىشى، ئۇيغۇربىز تورىنىڭ دىققىتىنى تارتقان بولۇپ، تور بەت بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى ماقالىسىدە، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ، بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئىلگىرىكى بىر تەكشۈرۈش دوكلاتدىن نەقىل كەلتۈرۈپ، مەزكۇر ئەھۋالنى ئۇيغۇرلارنى خىتاي تىلىنى ئۆزلەشتۈرۈش ۋە ئانا تىلىدىن ۋاز كېچىشكە ۋاستىلىك مەجبۇرلاش دەپ تەنقىد قىلغان. ئىلھام توختى ئىلگىرى بىر دوختۇرخانىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر بىمارلارنىڭ داۋالىنىش داۋامىدا تىل قىيىنچىلىقىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بايقىغان ۋە دوكلاتىدا، ئۇيغۇر رايونىدىكى دوختۇرخانىلاردا ئۇيغۇرچە مۇلازىمەتنىڭ چەتكە قېقىلماسلىقىنى ھەم بۇنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈم ھەم ئىنسانىي قەدىر - قىممەت نۇقتىسىدىن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.