يېقىندا خوتەن ناھىيىسىنىڭ تەۋەككۈل يېزىسى كەنت كادىرلىرىغا مەسئۇلىيەت توختامنامىسى ئىمزالاتقۇزۇپ، ئاياللارنىڭ «ھىجاپ»، «جىلباب» قاتارلىق دىنىي ئەدەپكە لايىق كىيىملەرنى كىيىپ يۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە چەكلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
«ئۇيغۇربىز» تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، تەۋەككۈل يېزىسى چىقارغان توختامنامىدە، «مەن شۇنداق كاپالەت بېرىمەنكى، يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ روپاش، جىلباب كىيىش ھادىسىسىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چەكلەش توغرىسىدىكى ھۆججەت مەزمۇنلىرىنىڭ روھىغا ئاساسەن دىنغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاڭلىق بوي سۇنىمەن» دېيىلگەن.
مەزكۇر توختامنامە خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك ئورگانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىۋاتقان مەزگىلدە ئاشكارىلاندى.
يېقىندا ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنىي تۇرمۇشىغا مۇداخىلە قىلىش، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك دىنىي تۇرمۇشىنى كونترول قىلىش ھەرىكىتى ئۇلار ئويلىغاندەك ئۈنۈم بەرمەي، ئەكسىچە ئۇيغۇرلارنىڭ رادىكاللىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىلغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.
بىراق، تەۋەككۈل يېزىسىنىڭ توختامنامىسىدە، كەنت كادىرلىرى روپاشلىق ئاياللارنىڭ يۈزىنى ئاچتۇرۇشقا، بۇنىڭدىن كېيىن يۈزىنى قايتا يۆگىۋالماسلىققا كاپالەتلىك قىلىشقا ۋەدە بەرگەن.
توختامنامىدە، ئەگەر يۇقىرىقى ئەھۋال قايتا سادىر بولىدىكەن، تەۋەككۈل يېزىلىق دىنغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2013 - يىلى 5 - نومۇرلۇق ھۆججىتىدىكى بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرىگە ئاساسلىنىپ، 500 سومغا قەدەر مەسئۇلىيەتسىزلىك جەرىمانىسى تۆلەشكە، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنىشقا رازى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.