خوتەندە چاقىرىلغان «تەرىقەت دىنى مۇھاكىمە يىغىنى» دىكى پىكىرلەر دىققەت قوزغىماقتا
2024.10.01
خىتاي باشقۇرۇشىدىكى «خىتاي خەۋەرلىرى تورى» نىڭ 29-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرىقەتچىلەر (Taoism) بىرلەشمىسى شۇ كۈنى خوتەن شەھىرىدە «خىتايدىكى تەرىقەتچىلىكنىڭ زامانىۋىلىققا يۈزلىنىشى» تېمىسىدا مەدەنىيەت مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان. خىتاي تەرىقەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لى گۇاڭفۇ يىغىندا ئالاھىدە سۆز قىلىپ «قۇرۇم مەدەنىيىتى بولسا جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا تەرىقەتچىلىك ئېتىقادىنىڭ مۇھىم مەنبەسى» دەپ كۆرسەتكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، لى گۇاڭفۇ تەرىقەتچىلىكنىڭ بىر مۇھىم مەنبەسى خوتەن ئىكەنلىكىگە تەرىقەتچىلىكتىكى قۇرۇم (كوئېنلۇن) تېغى ۋە قەدىمىي ئۇماي ئىلاھى (شى ۋاڭمۇ) ھەققىدىكى رىۋايەتلەرنى مىسال قىلغان. ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن قۇربان ۋەلىنىڭ تەتقىق قىلىشىچە، قەدىمكى خىتايلار تۈركىي خەلقلەردىكى ئەڭ قەدىمىي ئايال ئىلاھ بولغان «ئۇماي ئانا» نى ئۆزلەشتۈرۈپ ئۆزىنىڭ قىلىۋالغان. بۇ ھال تۈركىي خەلقلەردىن بولغان تابغاچلارغا خاس «مۇلەن» ئوبرازىنى خىتايلارنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئۆزىنىڭ قىلىۋالغانلىقىدەك تارىخ ئوغرىلىقىنى ئەسلىتىدۇ.
دەرۋەقە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قەدىمىي مەدەنىيەت مەركەزلىرىدىن بولغان خوتەن رايونى مىلادىنىڭ ئالدى-كەينىدە ھىندىستاندىكى بۇددىزم ئېتىقادىنىڭ شەرق دۇنياسىغا تارقىلىشىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان. بۇ رايوندىن خىتاي ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىگە تارقالغان بۇددىزم ئېتىقادى كېيىنچە ياپونىيە ۋە كورېيە قاتارلىق جايلارغا تارقالغان بولۇپ، بۇددىزمنىڭ بۇ شەكىلدىكى تارقىلىشى بىردەك «ئاسىيا مەدەنىيەت تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقەلەرنىڭ بىرى» دەپ قارىلىپ كەلمەكتە. ئەمدىلىكتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق بىر تارىخىي رېئاللىقنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي تەشۋىقاتىغا قورال قىلىشى بۇنىڭدىكى مەقسەتلەر ھەققىدە گۇمانلار تۇغدۇرماقتا.
تېخىمۇ قىزىقارلىقى، يىغىن ئىشتىراكچىلىرى خوتەن رايونىدىكى تەرىقەتچىلىككە مۇناسىۋەتلىك ئەنئەنىلەرنى چوڭقۇر قازغاندا بۇنىڭ «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» نى ئالغا سۈرۈشكە پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. بۇمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەدەنىيەت ساھەسىگە قاراتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ شولىسىنى نامايان قىلغان.
نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ «خوتەن رايونى قەدىمىي جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەنبەلىرىدىن بىرى» دەپ بۇ يوسۇندا ئاشكارا داۋراڭ قىلىشى، يەنە بىر ياقتىن خوتەن رايونىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلىشى، ئەكسىچە بۇ رايوننىڭ «قەدىمدىن تارتىپ خىتاينىڭ زېمىنى» ئىكەنلىكىنى قانۇنلاشتۇرۇش ئۇرۇنۇشى، دەپ قارىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.