خىتاي دائىرىلىرى خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىسى غالىپ ئابلىمىتنى سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە-تۈزۈمگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالغان.
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ 19-ئىيۇل ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى غالىپ ئابلىمىتنى تەكشۈرۈپ، ئۇنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى، غايىسى ۋە سىياسىي مەيدانىنى يوقاتقانلىقى، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق قىلغانلىقى، ھارام پۇل يۆتكىگەنلىكى، ئىنتىزامغا ۋە قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
غالىپ ئابلىمىت خىتاي كومپارتىيەسى 2017-يىلى «ئىككى يۈزلىمىچىلەر» نى قېزىپ چىقىش ھەرىكىتى قوزغىغان، شۇنىڭدەك بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا باشلىغان «قارا گۇرۇھلار ۋە رەزىل كۈچلەر» گە زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇيغۇر ئەمەلدارلىرىنىڭ بىرىدۇر. لېكىن، خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش ۋە رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرىدا، غالىپ ئابلىمىتنىڭ سىياسىي ئىنتىزام ۋە قانۇنغا كونكرېت قانداق خىلاپلىق قىلغانلىقى، ئۇنىڭ قەيەرگە ھارام پۇل يۆتكىگەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلى باشلىغان 2 مىليوندەك ئۇيغۇر ۋە باشقىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە قارىتا ئومۇميۈزلۈك دىگىتال نازارەت قىلىشنى يولغا قويۇشتا ئۇيغۇر كادىرلار ئۇنىڭ زەربە بېرىش نىشانلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغان. خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق ۋە سىياسىي ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەش ئۇنىڭ ئۇيغۇر كادىرلىرىنى تۇتقۇن قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئۇسۇلى بولۇپ قالغانىدى.
خىتاي مەركىزى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئۇچۇرىدا قەيت قىلىنىشىچە، دائىرىلەر تەكشۈرۈش ئارقىلىق غالىپ ئابلىمىتنى پارتىيەدىن قوغلاپ چىقىرىشنى، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاشنى ۋە دېلو تۇرغۇزۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى قارار قىلغان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت جۈمە كۈنى رادىيومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ «سىياسىي ئىنتىزامغا، سىياسىي قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش، سىياسىي مەيدانىنى يوقىتىپ قويۇش، دېگەندەك بۇ ئەيىبلەشلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇيغۇر كادىرلىرىنى ۋەھىمە ئىچىدە ياشايدىغان تىرىك مۇردىلارغا ئايلاندۇرۇپ قويۇۋاتقانلىقى» نى بىلدۈردى.