خوتەن دائىرىلىرى خىتاينىڭ دۆلەت بايرىمىدا دەم ئالماي يىغىن ئېچىپ، خوتەندىكى يېزىلارنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشنى تەكىتلىگەن.
خوتەن گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى نيۇ شۆشىڭ 3-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى خوتەن شەھىرىگە قاراشلىق بىر قىسىم يېزا-كەنتلەرنىڭ مەسئۇل كادىرلىرى بىلەن يىغىن ئېچىپ، بىخەتەرلىك خىزمەتلىرىنى قاتتىق كۈچەيتىپ، مۇقىملىقنى قەتئىي ساقلاش ئارقىلىق 19-قۇرۇلتاينىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۇنىڭ خىتايدا دۆلەت بايرىمى دەم ئېلىش مەزگىلىدە يەنە مۇقىملىقنى تەكىتلەپ يىغىن چاقىرىشى دىققەت قوزغىدى.
خىتايدا دۆلەت بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلىدە 1-ئۆكتەبىردىن 8-ئۆكتەبىرگىچە 8 كۈن دەم ئېلىش ئېلان قىلىنغان.
بىراق، ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگونىڭ بۇيرۇقى بىلەن دەم ئېلىش بىكار قىلىنىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بارلىق دۆلەت ئىشچى-خىزمەتچى، كادىرلىرىنىڭ ئىش ئورۇنلىرىغا قايتا يىغىۋېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلىنغان.
يۇقىرىدىكى بۇ خەۋەرمۇ بۇنىڭ توغرىلىقىنى دەلىللىمەكتە.
خوتەن گېزىتى بۈگۈنكى خەۋىرىدە يەنە، خوتەن ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ تېررورلۇق-زوراۋانلىق ۋەقەلىرى ھەققىدە يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگەنلەرنى ئەڭ يۇقىرىسى 5 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلاش ھەققىدە بىر قانچە ئاي ئاۋۋال ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشىنى يەنە قايتىدىن جاكارلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
كۆزەتكۈچىلەر، چېن چۈەنگونىڭ 19-قۇرۇلتاي ئېچىلىش باھانىسى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سىياسىي ئاتموسفېراسىنى نەپەس ئالغۇسىز دەرىجىگە ئەكېلىپ قويۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.