خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا خۇ ياۋباڭنىڭ خاتىرىلىنىشى دىققەت قوزغىدى

يېقىندىن بۇيان خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرېتارى خۇ ياۋباڭنىڭ ئۆلۈمىنىڭ 24 يىللىقىنى خاتىرىلەيدىغان ماقالىلەر كۆپەيدى. بۇ ئەھۋال خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ۋە چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئۆتكەن ھەپتە شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئورگان گېزىتى ۋە خىتاينىڭ بىر قىسىم ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، جۇ دۈەنچىڭ ئىسىملىك بىرەيلەننىڭ نامىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەپ يېزىلغان ماقالە بېسىلدى. جۇ دۈەنچىڭ ئوخشاش مەزگىلدە يەنە خوڭكوڭ مەتبۇئاتىدا«ئىسلاھاتنىڭ باش ئىنژېنېرى خۇ ياۋباڭ» ناملىق ماقالىنىمۇ ئېلان قىلغان.

خۇ ياۋباڭ ئۆلۈپ 24 يىلدىن كېيىن ئۇنى خاتىرىلەيدىغان ماقالىلەرنىڭ خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىشى ھەققىدە ئانالىزچىلارنىڭ قارىشى ئوخشاش بولمىدى. بىر قىسىم ئانالىزچىلار «خۇ ياۋباڭنى خاتىرىلەيدىغان ماقالىلەرنىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا بېسىلىشى، خىتايدا يېڭى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشىدىن بېشارەت بېرىدىغانلىقى» نى بىلدۈرسە، ئەنگلىيىدىكى سىياسىي ئانالىزچى جاڭ ۋېي قاتارلىق يەنە بىر قىسىم ئانالىزچىلار ماقالە ئاپتورى جۇ دۈەنچىڭنىڭ ئادەتتىكى پۇقرا ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ، «سابىق خىتاي كومپارتىيىسى باش سېكرىتارىنى خاتىرىلىگەن بىر پارچە ماقالىنىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئېلان قىلىنىشى، خىتايدا ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدىغانلىقى»نى بىلدۈردى.