31-مارتتىن 1-ئاپرېلغىچە ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە 2016-يىللىق خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىكى ئالىي دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئېچىلىدۇ.
مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىغىندا 56 دۆلەت ۋە تەشكىلاتنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يادرو سانائىتى بىخەتەرلىكى ۋە ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرىلىشىدۇ. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئارىسىدا ئەنگلىيە، تۈركىيە، فىرانسىيە، ھىندىستان، ياپونىيە، كورېيە ۋە خىتاي رەھبەرلىرى بار بولۇپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ياۋروپادىكى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن ئۆتكۈزۈلۈشى ئالاھىدە دىققەتكە سازاۋەر بولماقتا.
س ن ن نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇنيادىكى ئاساسلىق يادرو قوراللىرى دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولغان رۇسىيەنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىندا ۋەكىل ئەۋەتىشنى رەت قىلىشى كىشىلەرنى ھەيران قالدۇرغان ئىشلارنىڭ بىرى بولغان. ئالاقىدار ئۇچۇرلاردا باراك ئوبامانىڭ مۇشۇ قېتىمقى يىغىنغا كەلمەكچى بولغان تۈركىيە پرېزىدېنتى رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەسمىي سۆھبەتلىشىش تەلىپىنى رەت قىلغانلىقى ئالاھىدە يەر ئالدى. ئۇلارنىڭ غەيرىي رەسمىي شەكىلدە سۆھبەتلىشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.
ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ چارشەنبە كۈنى چېخ جۇمھۇرىيىتىدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەزكۇر يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا ئۇچقان. ئۇ پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن بىخەتەرلىك، كىلىمات ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر ھەققىدە سۆھبەتلىشىدىكەن.