خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى مەزگىللەردە زور كۆلەمدە يادرو قوراللىرى ئامبىرى ياساۋاتقانلىقى ھەرقايسى ساھەنىڭ زور دىققىتىنى قوزغاۋاتقان مەسىلىلەردىن بولۇپ قالماقتا.
«نيو-يورك ۋاقتى گېزىتى» نىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى قۇمۇل رايونىدىكى 800 كۇۋادىرات كىلومېتىر دائىرىدە ئاز دېگەندىمۇ 110 جايدا يادرو قوراللىرى ئامبىرى ياساپ چىققان. بۇ ئامبارلارنىڭ بىر بىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى ئۈچ كىلومېتىر ئەتراپىدا ئىكەن. سۈنئى ھەمراھ سۈرەتلىرىدىن مەلۇم بولغان بۇ ئۇچۇرلار ھەرقايسى ئالىملارنىڭ دەلىللىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ھەرقايسى ساھەنىڭ بۇ مەسىلىگە بولغان قىزىقىشى زور دەرىجىدە ئاشقان.
«ۋال سترېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ 27-ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىم قۇمۇل رايونىدا ياساپ چىققان يادرو قوراللىرى ئامبىرى كۆلەم ۋە سان جەھەتتە گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى يۈمېن شەھرىدە بەرپا قىلىپ چىققان بىرىنچى تۈركۈم يادرو قوراللىرى ئامبىرىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. يۈمېن تەۋەسىدىكى يادرو قوراللىرى ئامبىرىنىڭ سانى 120گە يەتكەن بولۇپ، ئىككى جاينىڭ ئارىلىقىمۇ 380 كىلومېتىر كېلىدىكەن. شۇڭا بۇلارنى ئەمىلىيەتتە بىر زور كۆلەملىك يادرو قوراللىرى ئامبىرى رايونى، دېيىشكىمۇ بولىدىكەن.
ھازىرچە بۇ يادرو قوراللىرىنىڭ قانچىلىك ئوق بېشى ئېلىپ يۈرەلەيدىغانلىقى ھەمدە ئۇچۇش مۇساپىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى نامەلۇم بولسىمۇ، بۇنى كۆپلىگەن ئانالىزچىلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يادرولۇق ھەربىي قوراللارنى كېڭەيتىش ھەركىتى، دەپ قارىماقتا ئىكەن.