ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما جۈمە كۈنى دۇنيانىڭ داۋاملىق ۋە ئىزچىل ھالدا يادرو تېررورلۇق تەھدىتىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، يادرو تېررورلۇق ھۇجۇمى يۈز بەرسە، ئۇ «دۇنيايىمىزنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ» دەپ ئاگاھلاندۇردى.
ئوباما 4-نۆۋەتلىك دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا يەنە، دۇنيا «كونكرېت ۋە كۆرۈنەرلىك» تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، يادرو تېررورلۇق خەۋپىنى خېلى ئازايتقان بولسىمۇ، ئەمما ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا تېررورچى گۇرۇھلارنىڭ بۇ خىل قوراللارغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يەنىلا «زور يەرشارى بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنىڭ بىرى» دەپ كۆرسەتتى.
ئۇ، ئىسلام دۆلىتىنىڭ خىمىيەلىك قورال ئىشلەتكەنلىكىنى، ئەلقائىدەنىڭ يادرو ماتېرىياللىرىنىڭ پېشىدە يۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «شۈبھىسىزكى، بۇ غالجىر ئادەملەر يادرو بومبىسى ياكى يادرو ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرسە، ئۇلارنىڭ بۇ قوراللارنى ئىشلىتىپ، قانچىلىك ئادەم ئۆلتۈرەلىسە، شۇنچىلىك ئادەم ئۆلتۈرىدىغانلىقىدا شەك يوق» دېدى.
4-نۆۋەتلىك دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى پەيشەنبە كۈنى باشلانغان، ئەمما رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بۇ يىغىننى بايقۇت قىلغان ئىدى.
بۇ قېتىمقى يىغىندا شىمالىي كورېيە يادرو مەسىلىسى، يادرو ئەتكەسچىلىكى، يادرو ماتېرىياللىرىنى كونترول قىلىش، يادرو تېررورلۇقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رەھبەرلەرنىڭ نۇقتىلىق مۇزاكىرە تېمىسى.
ئوبامانىڭ قەيت قىلىشىچە، ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ھەربىي ۋە غەيرىي ھەربىي ئەسلىھەلەردە 2000 توننا يادرو ماتېرىيالى ساقلانماقتىكەن. ئۇ، مىقدارى ئالما تېلېفونىچىلىك بىر پلوتونىينىڭ يۈز مىڭلىغان بىگۇناھ خەلقنى ئۆلتۈرەلەيدىغانلىقىنى ۋە زەخىملەندۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، «ئۇ نەچچە ئون يىلغا سوزۇلغان ئىنسانىي، ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە مۇھىت ۋەيرانچىلىقىنى پەيدا قىلىدۇ» دېدى.