ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن نۆۋەتتە «يادرو ئارماگادونى»، يەنى «يادرو قىيامەت ئۇرۇشى» پارتىلىشىنىڭ خەۋپى، 1962-يىلدىكى كۇبا باشقۇرۇلىدىغان بومبا كىرىزىسىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باسقۇچتا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. بايدېننىڭ كۆرسىتىشىچە، رۇسىيە پرېزىدنېتى پۇتىننىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىدىكى ئوڭۇشسىزلىقلىرىدىن كېيىن، تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىش توغرىسىدا سۆزلىشى «چاقچاق ئەمەس» ئىكەن. ئۇ يەنە قوشۇمچە قىلىپ، ئامېرىكانىڭ پوتىننىڭ ئۇرۇشتىن قۇتۇلۇش يولىنى «ئايدىڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتقانلىقى» نىمۇ تەكىتلىگەن.
جوۋ بايدېن بۇ سۆزلەرنى 6-سېنتەبىر پەيشەنبە كۈنى دېموكراتلار سايلام پائالىيىتى كومىتېتىنىڭ ئىئانە توپلاش يىغىلىشىدا ئېيتقان. ئۇ مۇنداق دېگەن: «بىزدە مەن ناھايىتى ياخشى تونۇيدىغان بىر ئادەم بار. ئۇ تاكتىلىلىق يادرو قوراللىرى ياكى بىئولوگىيەلىك ۋە خىمىيەلىك قوراللارنى ئىشلىتىش ھەققىدە سۆزلىگەندە، چاقچاق قىلمىدى. چۈنكى ئۇنىڭ ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇشتىكى ئىپادىسىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆۋەن بولغانلىقىنى ئېيتالايمىز».
بايدېن يەنە تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشنىڭ كرىمىل سارىيى ئويلىغاندەك ئۇرۇش مەيدانى بىلەن چەكلىنىپ قالىدۇ، دەپ قارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ: «مەنچە، تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى يېنىكلىك بىلەن ئىشلىتىپ، بۇ ئاخىر زامان ئۇرۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، دەيدىغان ئىش يوق» دېگەن.
پرېزىدېنت بايدېن يادرو ئۇرۇشى خەۋپىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باسقۇچقا كەلگەنلىكىنى ئېيتسىمۇ، لېكىن ئاقساراي رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە تەييارلىق قىلىدتقانلىقىغا دائىر ھېچقانداق بىشارەت كۆرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئاقساراينىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسلىھەتچىسى جېك سوللىۋاننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېيتىشىچە، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ يادرو قوراللىرىنى ئىشلىتىشكە جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ھېچقانداق ئالامىتىنى كۆرمىگەن.