ئاتۇش بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ياغلىق چەكلەش سىياسىتىگە قارشى نامايىش قىلىپ دەرس تاشلىغان.
«ئۇيغۇر بىز» تورىنىڭ 22 - مايدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نامايىش 22 ماي ئەتىگەندە بولغان. نامايىش نەق مەيدانىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرگە قارىغاندا، نامايىشقا قاتناشقان قىز ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسى ياغلىق ئارتقان.
مەزكۇر نامايىش ھەققىدىكى سۈرەتلەر باشقا ئىجتىمائىي ئالاقە قاناللىرىغىمۇ چاپلانغان بولۇپ، جىددىي ئىنكاس قوزغىغان تېمىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي چەكلەش سىياسىتىنى كۈچەيتكەن ئىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستى بىرىنچى ئوتتۇرا مەكتىپى يېقىندا بىر بەلگىلىمە چىقىرىپ، ياغلىق ئارتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرسكە كىرگۈزۈلمەيدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان.
نەتىجىدە ئوقۇغۇچىلار22 - ماي دەرس تاشلاپ، مەزكۇر بەلگىلىمىگە قارشىلىق كۆرسەتكەن.
دائىرىلەر بۇ خىل سىياسەتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ئىزچىللاشتۇرغان.
«ئۇيغۇر بىز» تورىدا نەقىل قىلىشىچە، مۇتەللىپ ئىسىملىك بىر مۇستەقىل ئاخباراتچى خوتەندە ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن شۇ خىلدىكى بىر ئەھۋالنى مۇنداق بايان قىلغان: «يۇرتۇم خوتەندىن، ھەر قېتىم بۇدرۇققىنە ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ مەكتەپ ئالدىغا كەلگەن باشلىرىدىكى ياغلىقىنى زورىغا ئېلىۋېتىپ سومكىلىرىغا تىقىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىمدە، يۈرىكىم تەسۋىرلەپ بەرگۈسىز بىر خىل بىئاراملىقتا پۇچىلىناتتى. ئۇلار ئائىلە، جەمئىيەت ۋە مەكتەپتىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىماقتا ئىدى.
قىزىلسۇ 1 - ئوتتۇرا مەكتىپى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرلار ئوقۇيدىغان مەكتەپ بولۇپ، ئوقۇغۇچى سانى 2 مىڭغا يېتىدىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر نامايىشنىڭ قانداق نەتىجىلەنگەنلىكى ئېنىق ئەمەس.