«خىتاي يەر شارى تېلېۋىزىيە قانىلى» ئۈچ ئەلچىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بارغان

مۇخبىرىمىز جەۋلان
2021-04-27
Share

«خىتاي يەرشارى تېلېۋىزىيە قانىلى» تورىنىڭ 27-ئاپرېل چىقارغان ۋىدىيولۇق خەۋىرىگە قارىغاندا، مەزكۇر تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ رىياسەتچىسى ليۇ شىن پاكىستان، پەلەستىن ۋە سۈرىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنى ئۇيغۇر رايونىدا كۆرگەن بىلگەنلىرى ھەققىدە سۆزلەتكەن.

بۇ پروگراممىنىڭ ئاستىدىكى چۈشەندۈرۈشتە، يېقىندىن بېرى كۆپلىگەن خەلقئارالىق ئۆمەك ۋە دىپلوماتلارنىڭ ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ «ئەمەلىي تەكشۈرۈش» تە بولغانلىقى، كۆپلىگەن غەرب سىياسىيونلىرى ۋە تاراتقۇلىرىنىڭ «شىنجاڭدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلىقىنى قەستەن كۆرمەسكە سېلىۋاتقانلىقى»، شىنجاڭدا تەكشۈرۈشتە بولغان بۇ ئۈچ دىپلوماتنىڭ ئاغزىدىن گەپ ئاڭلىسا ئۇلارنىڭ كاللىسىدا «يېڭى چۈشەنچە» شەكىللىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن بولۇپ، خىتاينىڭ قايسى مەقسەتتە بۇ تەشۋىقاتنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى روشەن كۆرسىتىلگەن.

خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە ئۇيغۇر رايونىدا «تەكشۈرۈشتە بولغان» پاكىستان ئەلچىسى مۇئىن ئۇلھەق، پەلەستىن ئەلچىسى فەرز مەھداۋى، سۈرىيە ئەلچىسى ئىماد مۇستافا قاتارلىقلار رىياسەتچى ليۇ شىننىڭ سورىغان سوئاللىرىغا تامامەن خىتاينىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك جاۋاب بەرگەن بولۇپ، ھەممىسى دېگۈدەك ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەرەققىياتىدىن زوقلانغانلىقى، «خىتاينىڭ دۇنياۋى تەرەققىياتىنىڭ بۇ رايوندا تولۇق ئەكس ئەتكەنلىكى، خەلق تۇرمۇشىنىڭ نورماللىقى، مەسچىت ئىماملىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئېتىقادى بويىچە ياشاۋاتقانلىقى، ئۆزلىرى كۆرگەن ئەھۋالنىڭ غەرب مەتبۇئاتلىرى دېگەندەك ئەمەسلىكى، غەرب ئەللىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتايدىكى تەرەققىياتنى كۆرەلمەيۋاتقانلىقى…» دېگەنلەرنى بايان قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، پاكىستان، پەلەستىن، سۈرىيە دېگەندەك دۆلەتلەر خىتايغا بېقىنىپ قالغان ۋە ئىزچىل خىتاينى قوللاپ كېلىۋاتقان دۆلەتلەر بولۇپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ خىتايدىكى ئەلچىلىرىمۇ تامامەن ئۆز دۆلىتىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ ۋە خىتاينىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى پىلانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ كۆز بويامچىلىق قىلىدۇ، ياخشى كۈتۈپ يولغا سالىدۇ ۋە ئارقىدىن تېلېۋىزورغا چىقىرىپ سۆزلىتىدۇ. خىتاي بۇ ئارقىلىق خەلقئارانىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان پىكىر يۆنىلىشىنى بۇرمىلاشقا ئۇرۇنغان تەقدىردىمۇ، غەرب ئەللىرىدە ئۇنىڭ ئۈنۈمى چاغلىق. خىتاينىڭ مەقسىتى مۇسۇلمان ئەللەرنى بىخۇتلۇقتا قالدۇرۇش بولۇپ، بۇ ۋىدىيو ئارقىلىق خىتايغا ئىشىنىشنى خالايدىغانلارنى تېخىمۇ ئىشەندۈرىدۇ ۋە ئۇلارنى غەرب تاراتقۇلىرىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىدۇ.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت