ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىدىغان يالتىراقنى ئومۇميۈزلۈك چەكلەش بەلگىلىمىسى چىقارغان


شىنخۋا تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق دائىرىلەر مەخسۇس بەلگىلىمە چىقىرىپ، دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يالتىراقنىڭ 5 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن ئېتىبارەن ئومۇميۈزلۈك چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

«ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دېھقانچىلىقتا ئىشلىتىلىدىغان يالتىراقنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» دە 1 - مايدىن ئېتىبارەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى زاۋۇتلارنىڭ يالتىراق ئىشلەپچىقىرىشى ۋە سېتىشى شۇنىڭدەك دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ يەرلەرگە يالتىراق ئىشلىتىشى بىردەك مەنئىي قىلىنغانلىقى بەلگىلەنگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا 1970 - يىللارنىڭ ئاخىرىلىرىدىن باشلاپ، قوناق، كېۋەز، خاسىڭ، تاماكا ۋە تۈرلۈك كۆكتاتلىق ئېتىزلىرىدا مەھسۇلاتنى يوقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن يالتىراق ئىشلىتىش تېخنىكىسى ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئەينى چاغدا بۇ تېخنىكا خىتايدا دېھقانچىلىقتىكى «ئاق رەڭلىك ئىنقىلاب» دەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن.

ھالبۇكى، ئارىدىن 40 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندە خىتايدىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېرىلغۇ يەرلەر يالتىراقنىڭ ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىشىغا ئۇچراپ، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ كەتكەن. شۇ ۋەجىدىن خىتاي تاراتقۇلىرى ئىلگىرى دېھقانچىلىقتىكى «ئاق رەڭلىك ئىنقىلاب» دەپ مەدھىيەلىگەن بۇ تېخنىكا نۆۋەتتە «ئاق رەڭلىك بۇلغىما» دېگەن سەلبىي نامغا ئالماشقان.

كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، باغۋەنچىلىك ۋە كۆكتاتچىلىق قاتارلىق ساھەلەردە خىمىيەۋىي ئوغۇت، دېھقانچىلىق دورىلىرى ھەمدە تۈرلۈك زەھەرلىك بىرىكمىلەرگە يول قويۇپ، پەقەتلا مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى ئاساسلىق نىشان قىلىپ كەلگەنلىكىنى، ئىستېمالچىلارنىڭ ساغلاملىقى بىلەن يېمەكلىك بىخەتەرلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلىپ كەلگەنلىكىنى تەنقىد قىلماقتا.