ياپونىيە باش ۋەزىرى ئىگىلىك ھوقۇق رىقابەتلىرىگە سەۋر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

جۈمە كۈنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولغان ياپونىيە باش ۋەزىرى ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇق رىقابەتلىرىگە سەۋر قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې جۈمە كۈنى پرېزىدېنت ئوباما بىلەن ئاقسارايدا ئۇچراشقاندىن كېيىن، خىتايغا ئېنىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، بېيجىڭ دائىرىلىرى بىلەن جاڭجاللىشىشنى خالىمايدىغانلىقى ئەمما، ئارال مەسىلىسىدىكى تالاش تارتىشتا مەيدانى قاتئىي ئىكەنلىكى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بىز، ھەر قانداق شەكىلدىكى رىقابەتكە سەۋر قىلالمايمىز، بۇ ھازىر ۋە كەلگۈسىدىمۇ شۇنداق. ھەر قانداق دۆلەت بۇ مەسىلىدىكى ئىرادىمىزنىڭ قاتتىقلىقنى سەل چاغلاپ قالمىغاي. ھېچكىم ئامېرىكا - ياپونىيە ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ كۈچلۈكلۈكىدىن شۈبھىلەنمىگەي.

شىنزو ئابې يەنە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ھەققىدىمۇ قاتتىق مەيدانى ئىپادىلىدى.