ياپونىيە، رۇسىيە مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىشكە كېلىشتى


مەزكۇر پىكىر بىرلىكى ياپونىيە دىپلوماتىيە ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋلار ئارىسىدا توكيودا ھاسىل قىلىندى.

ئۇلار دۆلەت مۇداپىئە مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش قاتارلىق ھەمكارلىقلاردا بولىدىكەن.

سېرگېي لاۋروۋ سۆزىدە مەزكۇر كېلىشىمنىڭ تېررورىزم، شىمالىي كورېيەدىن كېلىدىغان يادرو تەھدىتى ۋە رايون خاراكتېرلىك تالاش - تارتىشلارنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىدىغانلىقنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، ياپونىيە - رۇسىيە ئارىسىدىكى دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنىڭ ئامېرىكا - ياپونىيە مۇناسىۋەتلىرىگە دەخلى قىلمايدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى.

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرى ئۆتكەن جۈمە كۈنى شەرقىي دېڭىزدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەن، مەزكۇر مانېۋىرنى ياپونىيە دېڭىز ئارمىيەسى يېقىندىن كۆزەتكەن. بۇ خىتاينى تولىمۇ بىئارام قىلغان ۋە ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە دىپلوماتىك نوتا تاپشۇرۇپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.

ياپونىيە - رۇسىيە ئارىسىدا ھاسىل قىلىنغان بۇ پىكىر بىرلىكى ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى يەنە يىرىكلەشكەن مەزگىلگە توغرا كەلدى.