ياپونىيە باش مىنىستىرى خىتاي رەئىسى بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن


ياپونىيە باش مىنىستىرى شىنزو ئابى يېقىندا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن مەخسۇس كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلىشى مۇمكىن. بۇ ھەقتە رويتېرسنىڭ تارقاتقان ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ئۇچۇرنى شىنزو ئابىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولۇپ، ئۇ يېقىندا بېيجىڭنى مەخپىي زىيارەت قىلىپ، خىتاي يۇقىرى رەھبەرلىكى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان.

ياپونىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئۆتكەن يىلى، سېنتەبىر ئېيىدىكى سېنكاكو ئاراللىرى مەسىلىسىدىكى جىددىيلىكتىن كېيىن سوغۇقچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، شىنزو ئابىنىڭ پارتىيىسىنىڭ يېقىندا يۇقىرى پالاتا سايلىمىدا غەلىبە قىلىشى بىلەن ئابىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىنى كونترول قىلىشى كۈچەيگەن. نۆۋەتتە، ئىككى دۆلەت ئارىسىدا ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەردىكى ئىختىلاپلىرى يەنىلا ئۆتكۈردۇر.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئابىنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۆزىنىڭ قايسى جۇڭگو رەھبىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان. بىراق، شىنزو ئابى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ قاچقان ۋە نەدە كۆرۈشىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق ئۇچۇرلار يوق.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي قۇرۇلۇشى مەسىلىسى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ئېلان قىلىپ، ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىگەن ئىدى.