ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ياسۇكۇنىنى زىيارەت قىلىپ خىتاينىڭ چىشىغا تەگدى

ياپونىيە ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى ۋە يۈزدىن ئارتۇق ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى ياسۇكۇنى قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا قۇربان بولغان ياپون ھەربىيلىرىنىڭ روھىغا سېغىنغان. بۇ خىتاينى ئىنتايىن بىئارام قىلغان، خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيەنىڭ 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن بېكىتىلگەن دۇنيا تەرتىپىنى بۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا دەپ ئەيىبلىگەن.

ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى يىشىتاكا شىندونىڭ جۈمە كۈنىدىكى مەزكۇر زىيارىتىگە ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ 160 ئەزاسى ھەمراھ بولغان. يىشىتاكا شىندو بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارى.

خىتاي تاشقى ئىشلار ر مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ: ياسۇكۇنى ئىبادەتخانىسى ياپون مىلىتارىزمىنىڭ سىمۋولى ۋە روھىي قورالى، دېگەن.

ئۇ يەنە، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تارىخنى يۇيۇپ تاشلايدۇ ۋە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى ۋە ئۇرۇشتىن كېيىن ئورنىتىلغان خەلقئارا تەرتىپكە رىقابەت ئېلان قىلىدۇ، دېدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېمۇ ئۆتكەن يىلى ھوقۇق سەھنىسىگە قايتا چىققاندىن كېيىن مەزكۇر قەبرىستانلىقىنى زىيارەت قىلىپ خىتاينىڭ چىشىغا تەگكەن ئىدى.