ياپونىيە، خوڭكوڭدىكى مكدونالد تىز تاماقخانىلىرى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن توخۇ گۆشىنى ئىشلىتىشنى توختاتتى


خىتايدىكى مال تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن توخۇ گۆشى ئىشلەتكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ياپونىيە ۋە خوڭكوڭدىكى مكدونالد تىز تاماقخانىلىرى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن توخۇ گۆشىدە ئىشلىگەن تاماق تۇرلىرىنى سېتىشنى توختاتتى.

ياپونىيەدىكى مكدونالد رېستورانلىرى خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن توخۇ گۆشلىرىنى ئىشلىتىشنى پۈتۈنلەي توختاتقان، خوڭكوڭدىكى رېستورانلار بەزى تاماقلارنى تاقام تىزىملىكىدىن ئېلىۋەتكەن.

بۇ رېستورانلار جۈمە كۈندىكى باياناتىدا خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن توخۇ گۆشلىرىنىڭ ئورنىغا تايلاندتىن كەلتۈرۈلگەن توخۇ گۆشلىرىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، مكدونالد رېستورانلىرىغا گۆش تەمىنلەيدىغان شىركەت خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە جايلاشقان «HuSi يېمەك - ئىچمەك ھەسسىدارلىق شىركىتى» دەپ ئاتىلىدىغان مال تەمىنلىگۈچى شىركەت ئىكەن.

مكدونالد شىركىتىنىڭ ياپونىيەدىكى مۇدىرى سارا كاسانوۋا: خېرىدارلىرىمىز خىتايدىن كەلتۈرۈلگەن توخۇ گۆشلىرىگە ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى، بىز ئۇلارنىڭ تەلەپلىرىگە قۇلاق سالىمىز، دېدى.

خىتاي تەرەپ نۆۋەتتە مەزكۇر مەسىلىنى تەكشۈرۈشكە مۇتەخەسسىسلەرنى ئەۋەتكەنلىكى بىلدۈرۈشكەن.