ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا: «ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتىمىز»

ياپونىيە باش ۋەزىرى فومىئو كىشىدا 13-نويابىر كۈنى كومبودژادا ئۆتكۈزۈلگەن شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ باشلىقلار يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن «جىددىىي ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەلقارا مۇناسىۋەتلەردە، بولۇپمۇ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە پەۋقۇلئاددە ئېھتىياتچان بولغان ياپونىيەنىڭ خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭمۇ قاتناشقان بىر خەلقئارالىق يىغىندا ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن «قاتتىق ئەندىشە» قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى، بىر يېڭىلىق ھېسابلىنىدۇ.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يىغىندا ياپونىيە باش ۋەزىرى كىشىدا تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ رايون بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدىن «جىددىي ئەندىشە» قىلىدىغانلىقىنىمۇ تەكىتلىگەن.

كىشىدا يەنە خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىدىغان، رايون ۋەزىيىتىنى جىددىلەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن داۋاملىق ھەم بارغانسېرى كۆپ شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «خىتاينىڭ شەرقىي دېڭىزدا ياپونىيەنىڭ ئ‍ىگىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش ھەركىتى داۋاملاشماقتا ھەم ئىزچىل كۆپەيمەكتە. خىتاي يەنە جەنۇبىي دېڭىزدىمۇ رايون ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان ھەرىكەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېگەن.

يىغىندا فومىئو كىشىدا ئامېرىكا پرېزىدېنتى جوۋ بايدېننىڭ ئارقىسىدىن سۆزگە چىققان. بايدېن سۆزىدە تەيۋەن بوغۇزىدا تىنچلىق ۋە مۇقىملىقنى ساقلاشنىڭ مۇھىملىقى، جەنۇبىي دېڭىزدا ئەركىن دېڭىز قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. پرېزىدېنت بايدېن ئامېرىكانىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى بولغان خىتاينىڭ رايوندا ئۆزىنىڭ تەسىرىنى جىددىي كۈچەيتىۋاتقان بىر پەيتتە، ئامېرىكانىڭ رايوندىكى دۆلەتلەر بىلەن «ھەممىسى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلغان تېخىمۇ ياخشى بىر كېلەچەك قۇرۇپ چىقىدىغانلىقى»نى ئېيتقان.