ياپونىيە ۋە ئەنگلىيە ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك دەرىجىسىنى كۈچەيتىدىغان كېلىشىم ھاسىل قىلغان

ياپونىيە بىلەن ئەنگلىيە ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مۇداپىئە، سودا ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن ئابىدە خاراكتېرلىك كېلىشىم ھاسىل قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى يەنىمۇ كۈچىيىپ، يەر شارى ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلگەن.

«ياپونىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىككى دۆلەت خىروشىمادا ئۆتكۈزۈلىدىغان G-7 يىغىنى باشلىنىشتىن بۇرۇن، يەنى 19-ماي كۈنى «خىروشىما كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ سانائەت تۈرلىرى، پەن-تېخنىكا ۋە يېرىم ئۆتكۈزگۈچ قاتارلىق ساھەلەردە تەتقىقات ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش، يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئۇلار دۆلەت ئىچىدىكى ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلماقتىكەن. بولۇپمۇ بۇ كېلىشىم تەيۋەن بوغۇزىدا يۈز بەرگۈسى ھەرقانداق بىر توقۇنۇشنىڭ دۇنيادىكى يېرىم ئۆتكۈزگۈچ تەمىناتىنى ئاقسىتىپ قويۇشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئەندىشىنى چىقىش قىلغان ئىكەن.

ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا بىلەن ئەنگلىيە باش مىنىستىرى رىشى سۇناك مەزكۇر كېلىشىم ھەققىدىكى قوشما باياناتىدا مۇنداق دېگەن: «ئىلىم-پەن، تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش ساھەلىرىدىكى دۇنياۋىي باشلامچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىرلىكتە تىرىشىپ ھەم ھەمكارلىشىپ، سۈنئىي ئەقىل، كىۋانت قاتارلىق يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان تېخنىكىلارنى، شۇنداقلا يېرىم ئۆتكۈزگۈچكە ئوخشاش ھالقىلىق ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرىمىز.»

سۇناك يەنە ئەنگلىيەنىڭ يېرىم ئۆتكۈزگۈچ سانائىتى ئۈچۈن 1 مىليارد فوند-ستېرلىڭ (1 مىليارد 250 مىليون دوللار) مەبلەغ سېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە دېيىلىشىچە، بۇ كېلىشىم يەنە ئىككى تەرەپنىڭ دۆلەت مۇداپىئە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. بۇ كېلىشىم پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ياپونىيە-ئەنگلىيە بىرلەشمە مانېۋىرىدا ئەنگلىيەنىڭ ئەسكەر سانىنى كۆپەيتىدىلىدىغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئاۋىياماتكىدا زەربە بېرىش گۇرۇپپىسىنىڭ 2025-يىلى ھىندى-تىنچ ئوكياندا يەنە بىر قېتىم مانېۋىر خاراكتېرلىق سەپەر قىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.