18-سېنتەبىر كەچقۇرۇن ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتاسى ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۆز ئارمىيەسىنىڭ چەتئەل تۇپراقلىرىدا جەڭ قىلالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى.
ياپونىيە 2- دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈزگەن ئاساسىي قانۇنىدا ياپونىيە ئەسكەرلىرىنىڭ چەتئەللەردە جەڭ قىلىشىنى چەكلىگەن ۋە ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ پەقەت ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغاندىلا ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتسە بولىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن.
مەزكۇر يېڭى قانۇن ماددىسىدا ياپونىيە ئارمىيەسىگە ياپونىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ياپونىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن چەتئەل تۇپراقلىرىغا بېرىپ ئۇرۇش قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن.
ياپونىيە يۇقىرى پالاتاسى قانۇننىڭ مەزكۇر ماددىسى ئۈستىدە 200 سائەتكە يېقىن تالاش تارتىش قىلغان ۋە 90 غا قارشى 148 ئاۋاز بىلەن قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن.
ھالبۇكى، ياپونىيە ئۆز ئاساسىي قانۇنىغا كىرگۈزگەن يېڭى ئۆزگەرتىش خىتاينى بىئارام قىلدى. خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى شەنبە كۈندىكى باياناتىدا «بۇ ئۆزگىرىش ياپونىيەنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئاساسىي قانۇندىكى چەكلىمىلەرنى بۇزغان» دەپ ئېتىراز بىلدۈردى.
ئەمما، ياپونىيەنىڭ مەزكۇر قانۇنى ئەنگلىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى.