ياپونىيەنىڭ كېلەر يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنىڭ تۇنجى قېتىم 5 تىرىليون يېندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.
رېيتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋەردار ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ كۆپەيتىلگەن مۇداپىئە سېلىنمىسى يېڭى بېكىتىلگەن خەۋپسىزلىك قانۇنىغا ئاساسەن ياپون ھەربىي قىسىملىرىنىڭ رولىنى كۈچەيتىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.
ياپونىيە پارلامېنتى 2016 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خام چوتىنى بۇ يىل 24 - دېكابىر مۇئەييەنلەشتۈرىدىكەن.
ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتى بۇ يىل ئاۋغۇستتا 2016 - يىللىق مۇداپىئە چىقىمى ئۈچۈن 5.09 تىرىليون يېن تەلەپ قىلغان ئىدى.
خەۋەردە «نىككېي سودا خەۋەرلىرى» نىڭ ئۇچۇرلىرىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭ ئۆتكەن يىللىق دۆلەت مۇداپىئە سېلىنمىسى 4.98 تىرىليون يېن ئەتراپىدا دەپ مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، بۇ يىلقى سېلىنما ئەسلىدىكى تەلەپتىن ئازراق قىسقارتىلىپ، 5.04 تىرىليون تەستىقلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ياپونىيە 16 - ئىيۇل ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ، ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ چەتئەللەردە جەڭ قىلالماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەرگەن. قانۇننىڭ بۇ ماددىسى خىتاينى بىئارام قىلغان.
ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن تۈزۈلگەن قانۇنىدا ئۆز ئەسكەرلىرىنىڭ چەتئەللەردە جەڭ قىلىشىنى چەكلىگەن.
ئەمما شىنزو ئابې ھاكىمىيەت بېشىغا چاققاندىن كېيىن، قانۇننىڭ بۇ ماددىسىنى ئۆزگەرتىشكە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. قانۇننىڭ ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىسى 16 - ئىيۇل ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتاسىدا ئاۋازغا قويۇلغان ۋە تەستىقلانغان.