خىتاي ياپونىيەنىڭ ھەربىي خام چوتنى كۆپەيتىش پىلانىغا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ بۇ پىلانىغا قارشى ئىكەنلىكى، بۇنىڭ ئاسىيا ۋە دۇنيادا چوڭقۇر ئەنسىزلىك پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابې ھەربىي خام چوتنى 8.0 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ، 51 مىليارد 700 مىليون دوللارغا يەتكۈزىدىغانلىقى، يېقىنقى 5 يىل ئىچىدە ھەر يىلى 8.0 پىرسەنت ئۆستۈرۈپ ماڭىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. بۇ ياپونىيەنىڭ يېقىنقى 11 يىل ئىچىدە تۇنجى قېتىم ھەربىي خام چوتنى ئۆستۈرۈشىدۇر.
خىتاي ھۆكۈمىتى قارشى تۇرغان بولسىمۇ، بىراق بۇ سان خىتاينىڭ ھازىرقى 107 مىليارد دوللارلىق ھەربىي خام چوتىغا نىسبەتەن يەنىلا كۆپ ئاز.
خىتاي يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۆزىنىڭ ھەربىي خام چوتىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، ھازىرقى يۈز نەچچە مىليارد دوللارغا يەتكۈزگەن. لېكىن ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ئەمەلىيەتتىكى ھەربىي خام چوتى ئۇ ئېلان قىلغاندىن كۆپ ئارتۇق.
خىتاي دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى باياناتىدا، ياپونىيە «ئۆزىنى تىنچلىقپەرۋەر» دەپ سۈرەتلەپ، داۋاملىق مۇداپىئە سىياسىتى يۈرگۈزىدىغانلىقىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئاكتىپ مۇداپىئە سىياسىتى يۈرگۈزۈشكە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ياپونىيە ھەربىي بىخەتەرلىك سىياسىتى زادى قاياققا قاراپ كېتىپ بارىدۇ؟ بۇ ئاسىيا ۋە دۇنيانىڭ جىددىي ئەندىشىسىنى قوزغىماي قالمايدۇ، دېگەن.
لېكىن، ياپونىيە ئاخباراتىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتى، ئۇنىڭ سېنكاكۇ ئارىلى مەسىلىسىدە ئوشۇقلۇق قىلىشى ياپونىيەنى ئۆزىنىڭ ھەربىي بىخەتەرلىكى ھەققىدە جىددىي ئويلىشىشقا مەجبۇر قىلغان.