ياپونىيە مۇداپىئە خامچوتىنى يەنە 3 پىرسەنت كۆپەيتمەكچى

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋەزىرى شەنبە كۈنى كېلەر يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى يەنە 3 پىرسەنت كۆپەيتىشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

ئەگەر ياپونىيە يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى يەنە 3 پىرسەنت ئاشۇرسا، بۇ ياپونىيەنىڭ ئۆتكەن 22 يىلدىن بۇيان دۆلەت مۇدائىە خامچوتىنى ئەڭ زور مىقداردا ئۆستۈرۈشى بولۇپ قالىدىكەن.

ياپونىيە دۆلەت مۇداپىئە ۋازارىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار كېلەر يىلى ئاپرېلدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان خىراجەت پىلانىدا 2014 - يىللىق دۆلەت مۇداپىئە خامچوتىنى 381 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىكەن.

مەزكۇر خامچوت پىلانىدا يەر يۈزىنى يىراق بوشلۇقتىن كۆزىتىش ئايروپىلانى، ئامېرىكىنىڭ ئىلغار تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋىلىش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

ياپونىيە - خىتاي ئارىسىدىكى ئارال ماجىراسى كۈچەيگەنسېرى، ياپونىيەدە دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش پىكرى ئۇلغىيىشقا باشلىغان ئىدى.