ياپونىيە تۇنجى راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئاشكارىلىدى


28 - يانۋار، ياپونىيە ئۆز ئالدىغا ياسىغان تۇنجى راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلانىنى ئاشكارىلاپ، دۇنيادا مۇشۇ خىل تېخنىكىغا ئىگە 4 - دۆلەت بولۇپ قالدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيەنىڭX - 2 ناملىق بۇ كۈرەشچى ئايروپىلاننى ياپونىيە مىتسۇبىشى ئېغىر سانائەت شىركىتى ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن بىرلىشىپ ئىشلەپ چىقارغان F - 2 تىپلىق ئايروپىلان ئاساسىدا ياسىغان.

مەزكۇر ئايروپىلان نۆۋەتتە مەركىزىي ياپونىيەگە جايلاشقان كوماكى شەھىرىدىكى بىر ھەربىي ئايروپورتتا ساقلىنىۋاتقان بولۇپ، ئايروپىلان بۇ يىل فېۋرالدا سىناق قىلىنىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر ئايروپىلان تېخنىكىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغان ياپونىيە مۇداپىئە ۋازارىتىگە قاراشلىق بىر ھۆكۈمەت ئورگىنى، نۆۋەتتە ئامېرىكا، رۇسىيە، خىتاينىڭ دۇنيادا راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلان ياساش تېخنىكىسىغا ئىگە ۋە شۇ خىل ئايروپىلانلارنى ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەتلەر دەپ ئېتىراپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ راداردا كۆرۈنمەس كۈرەشچى ئايروپىلاننى ياساشقا 332 مىليون دوللار سەرپ قىلغان.

ياپونىيە 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۆز ئالىدىغان كۈرەشچى ئايروپىلان ياكى باشقا خىلدىكى ئايروپىلانلارنى ياسىشى ۋە ئېكسپورت قىلىشى چەكلەنگەن.

نۆۋەتتىكى باش ۋەزىر شىنزو ئابې ھاكىمىيەت بېشىغا چىققاندىن كېيىن، ياپونىيەنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىكنى ئاساسىي قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزگەن ۋە 2014 - يىلى ئاپرېلدا ياپونىيەنىڭ ھەربىي سانائىتىگە قارىتىلغان چەكلىمىنى بىكار قىلغان ئىدى.

ئۆتكەن يىلى نويابىردا مىتسۇبىشى ئېغىر سانائەت شىركىتى تۇنجى كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئايروپىلانىنى نەتىجىلىك سىناق قىلغان ئىدى.