خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە 26-ئىيۇل سەھەردە توكيوغا يېقىن يەرگە جايلاشقان ساگامىخارا شەھىرىدىكى مېيىپلەر پاراۋانلىق مەركىزىدە پىچاقلىق ھۇجۇم ۋەقەسى يۈز بېرىپ، پاراۋانلىق مەركىزىدىكى مېيىپلاردىن 19 ئادەم ئۆلگەن، 26 ئادەم يارىلانغان.
ئەنگلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھۇجۇمچى ۋەقەدىن كېيىن ئۆزىنى ساقچى ئورۇنلىرىغا مەلۇم قىلغان. ھۇجۇمچى ئىلگىرى مەزكۇر پاراۋانلىق مەركىزىدە خىزمەت قىلغان 25 ياشلىق ستوشى ئوماتسو ئىسىملىك ئەر بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى مېيىپلارنىڭ «شاتلىق ئىچىدە ئۆلۈشى» نى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئۆزىنىڭ 470 نەپەر مەجرۇھنى ئۆلتۈرۈش پىلانى بارلىقى ھەققىدىمۇ يازما خاتىرىلەر قالدۇرغان ئىكەن.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە ياپونىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى NHK نىڭ خەۋىرى نەقىل ئېلىنىپ، ستوشى ئوماتسونىڭ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 18-كۈنى بىر خىزمەتدىشىغا «ئېغىر دەرىجىدە مەجرۇھلۇق كېسىلى بار كىشىلەر بۇ دۇنيادا ياشىماسلىقى، ئۇلار شاتلىق ئىچىدە ئۆلۈشى كېرەك» دېگەنلىكى ۋە پاراۋانلىق ئورنىنىڭ مەزكۇر ئۇچۇرنى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ساقچىلارغا يەتكۈزگەندىن كېيىن، ستوشى ئوماتسونىڭ دوختۇرخانىغا مەجبۇرىي ئېلىپ بېرىلىپ تەكشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭ «نەشىدىن زەھەرلىنىش روھى كېسىلى» گە گىرىپتار بولغانلىقى ئېنىقلىنىپ، 12 كۈن داۋالانغاندىن كېيىن 3-ئاينىڭ 2-كۈنى دوختۇرنىڭ «باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش خەۋپى يوق» دېگەن دىئاگنوزى بىلەن دوختۇرخانىدىن چىقىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ۋە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ياشاۋاتقانلىقى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان.
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە 23-ئىيۇل گېرمانىيە ميۇنخېن شەھىرى سودا مەركىزىدە قوراللىق ئېتىش يۈز بەرگەندىن كېيىن، ستوشى ئوماتسونىڭ تۋىتېرغا «گېرمانىيەدە يۈز بەرگەن ئېتىش ۋەقەسى، ئويۇن ئوينىغاندەك كۆڭۈللۈك» دېگەن ئۇچۇرنى يوللىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.