ياپونىيە - رۇسىيە مۇداپىئە ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى توكيودا ئۇچراشتى

مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.11.03

ياپونىيە - رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى تارىخىدا تۇنجى قېتىم رۇسىيە تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار ۋە مۇداپىئە مىنىستىرلىرى تەڭ ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دىپلوماتىك ۋە ھەربىي مۇناسىۋەتلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، مەزكۇر ئۇچرىشىش خەلقئارالىق دىققەتكە ئېرىشكەن بولۇپ، ياپونىيە تېلېۋىزىيىلىرى ۋە باشقا ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رۇسىيە بىلەن ياپونىيە مۇناسىۋەرتلىرىنىڭ يېقىندىن بۇيان تېز سۈرەتتە تەرەققى قىلىشىدىكى ئاساسلىق ئامىلنىڭ ھەر ئىككىلا دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ باش كۆتۈرۈشىنى پايدىسىز دەپ قارىغانلىقى، بولۇپمۇ، رۇسىيىنىڭ خىتايدىن ئىبارەت زور نوپۇسقا ئىگە ئىقتىسادىي كۈچكە قارىتا خەتەر تۇيغۇسىنىڭ داۋاملىق كۈچىيىۋاتقانلىقىغا باغلاپ تەھلىل قىلغان.

ئانالىزچىلار رۇسىيىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىدىكى سەۋەبنىڭ پرېزىدېنت پۇتىننىڭ تىنچ ئوكيان رايونىدا بىرلا جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىشىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ،تېخىمۇ يۇقىرى ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق يارىتىش تاشقى سىياسىتىنى يۈرگۈزىۋاتقانلىقى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ ئۇچرىشىشقا رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ ۋە مۇداپىئە مىنىستىرى شويگۇ قاتناشقان.

ئىككى تەرەپنىڭ سۆھبىتىدە شەرقىي ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىكى، ياپونىيىنىڭ ئۆزىنى قوغداش قىسىملىرىنىڭ رۇسىيە ئارمىيىسى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ھەمدە بىرلىكتە مەشىق قىلىش شۇنىڭدەك دېڭىز - ئوكيان بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى مۇزاكىرە قىلىنغان.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ يېزىشىچە، رۇسىيە ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم نۇقتا رۇسىيىنىڭ ياپونىيە بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق يىراق شەرق رايونىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر. ياپونىيە ئۈچۈن مۇھىم نۇقتا ئۆزىنىڭ ئاراللار مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن بولغان رىقابەتلىرىدە رۇسىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش ھەمدە سوۋېت ئىتتىپاقى بېسىۋالغان تۆت ئارالنى قايتۇرىۋېلىش مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.