ياپونىيەدىكى يانار تاغ پارتلاشتا 31 ئادەم ئۆلدى

ياپونىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى توكيودىن 200 كىلومېتىر رايونغا جايلاشقان تاغلىقتا يانار تاغ پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 31 ئادەمنىڭ جەسىتى تېپىلدى.

رويتېرس ۋە ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شەنبە كۈنى تۇيۇقسىز يۈز بەرگەن يانار تاغ پارتلاش ھادىسىسىدە قۇتقۇزۇش خادىملىرى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارنى قۇتۇلدۇرغاندا 31 ئادەمنىڭ نەپەس قىيىنلىشىپ، يۈرەك توختاپ قېلىش بىلەن ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان. ئاشكارىلىنىشىچە، شەنبە كۈنى مەزكۇر يانار تاغ تۇيۇقسىز ، ئالدى بىلەن تۈتۈن چىقماستىنلا پارتلاپ كەتكەن بولۇپ، 250 ئادەم تاغ ئېتىكىگە قاپسىلىپ قالغان. 45 ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن.

2007-يىلى مۇنداق يانار تاغ پارتلاش بىر قېتىم يۈز بەرگەن ئىدى.