ياپونىيە ئاخباراتلىرى 27 - ئاۋغۇست دۆلەت مۇداپىئە دائىرىلىرى يەنە بىر تىكئۇچار ئاۋىئاماتكىسىنى رەسمىي ئاشكارىلىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
بۇ قېتىم ياپونىيە دائىرىلىرى ياساپ چىققانIZUMO تىپلىق ئاۋىئاماتكىنىڭ نامى«كاگا» بولۇپ، ياپونىيە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ياساپ چىققان ئەڭ چوڭ ھەربىي پاراخوت ھېسابلىنىدىكەن.
بۇ نۆۋەت ئاشكارىلانغان تىكئۇچار توشۇغۇچى ئاۋىئاماتكىغا جەمئىي 14 تىكئۇچار ئايروپىلان سىغىدىغان بولۇپ، بۇلار ئاساسەن سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا زەربە بېرىشكە ئىشلىتىلىدىكەن.
«دىپلومات گېزىتى» ياپونىيە دېڭىز ئارمىيە خادىملىرىنىڭ «ئاساھى شىمبۇن» گېزىتىگە ئېيتقانلىرىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ئۇلار مەزكۇر تىكئۇچار توشۇغۇچى ئاۋىئاماتكىنىڭ ياپونىيە دېڭىز قوغداش قىسىملىرىنىڭ بايقاش بارغانچە قىيىنلىشىپ بېرىۋاتقان خىتاي سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ياپونىيە دائىرىلىرى دەسلەپكى JS IZUMOتىپلىق بىر تىكئۇچار ئاۋىئاماتكىسىنى 2013 - يىلى ياساشقا باشلاپ، بۇ يىل مارتتا رەسىمى ۋەزىپىگە تەيىنلىگەن ئىدى.
ياپونىيە تەرەپ بۇ ئاۋىئاماتكىنىڭ پەقەت ھەربىي تىكئۇچارلارنى توشۇشقىلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پاراخوتنىڭ كۈرەشچى ئايروپىلانلارنى توشۇيدىغان رەسمىي ئاۋىئاماتكا سۈپىتىدىمۇ ئىشلەتكىلى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ ئېتىراز بىلدۈرگەن.
«كاگا» نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش بىلەن ياپونىيە دېڭىز قوغدىغۇچى قىسىملىرى 4 دانە تىكئۇچار توشۇغۇچى ئاۋىئاماتكىغا ئىگە بولغان.