ياپونىيە ئاۋام پالاتاسىنىڭ 23-ئاپرىل ئۆتكۈزۈلگەن تولۇقلىما سايلىمىدا ھاكىمىيەت بېشىدىكى لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئابلەت رەقىبلىرىنى يېڭىپ، پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان. ئۇ غەرب دۇنياسىدىكى ئۇيغۇرلاردىن چەت ئەل پارلامېنت ئەزالىقىغا سايلانغان تۇنجى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇنىڭ ياپونىيە پارلامېنتىغا كىرىشى، ئۇيغۇرلارنى «ئىلھاملاندۇرىدىغان بىر سىياسى ھادىسە» دەپ قارالماقتا.
ياپونىيەدە ئارفىيە ئېرى (Arfiye Eri) دېگەن ئىسىم بىلەن تونۇلغان ئارفىيە ئابلەت، ياپونىيەنىڭ چىبا ناھىيەسى 5-رايونىدا ئېلىپ بېرىلغان تولۇقلىما سايلامدا 50 مىڭدىن ئارتۇق ئاۋازغا ئېرىشىپ، پارلامېنتقا كىرىشكە مۇۋەپپەق بولغان.
ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چىبا ناھىيەسىنىڭ 5-رايونلۇق سايلىمى ياپونىيە لىبېراللار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق ئاۋام پالاتا ئەزاسى كېنتارو سونورانىڭ «سىياسەت ۋە پۇل» مەسىلسىى سەۋەبلىك ئىستىپا بېرىشى ئارقىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن. لىبېرال دېموكراتلار پارتىيەسى ئارفىيە ئېرىنى كېنتارو سونورانىڭ ئورنىغا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن. سايلام جەريانىدا ئارفىيە ياپونىيە باش مىنىستىرى كىشىدانىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 34 ياشلىق ئارفىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇيغۇر رايونىدىن ياپونىيەگە ئوقۇشقا بېرىپ قېلىپ قالغان بولۇپ، ئۇ 10 ياش ۋاقتىدا ياپونىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ئىكەن. ئۇنىڭ ئىلگىرى ياپونىيە بانكىسى، شۇنداقلا ب د ت نىڭ نيۇ-يوركتىكى باش شتابىنىڭ سېكرىتارىياتىدا خىزمەت قىلغانلىقى مەلۇم. ئارفىيە ئېرى ئۆتكەن قېتىم ياپونىيە كېڭەش پالاتاسىنىڭ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، لېكىن سايلامدا ئۇتالمىغان ئىدى. ئەمما قېتىمقى سايلامدا يەتتە نامزات بىر ئورۇننى تالىشىپ، ئارفىيە ئېرى رىقابەتچىلىرىنى يېڭىپ چىققان.
NHKنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىشىچە، ئارفىيە سايلام رىقابىتىدە كىشىدا ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى مال باھاسىنى ھەل قىلىش چاقىرىقىنى قوللاپ، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇقىمسىزلاشقان ئەھۋالدا بىخەتەرلىك سىياسىتىنى داۋاملاشتۇرۇشنى، شەخسلەر ئاكتىپ رول ئوينايدىغان بىر جەمئىيەت بەرپا قىلىشنى ۋە كۆپ خىللىق ئىچىدە بىرگە تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.