ئارفىيە ئېرى ياپونىيە سىياسىي سەھنىسىدە زور دىققەت قوزغىماقتا

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2022.06.21

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ يۇقىرى پالاتا ئەزالىق سايلىمىغا ئۆزىنى تىزىملاتقان ئۇيغۇر قىزى ئارفىيە ئېرى (ئارفىيە ئابلەت) يېقىندىن بۇيان ھەرقايسى ئاخبارات ساھەسىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغاپ كەلمەكتە.

«بۈگۈنكى ياپونىيە» گېزىتىنىڭ 20-ئىيۇندىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 33 ياشقا كىرگەن ئارفىيە ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) دا ئىشلىگەن خىزمەت تەجرىبىسى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە، خىتايچە، ياپونچە، ئىنگلىزچە قاتارلىق كۆپ خىل تىلنى پىششىق ئىگىلىگەن، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي مەسىلىلەر بىلەن ياخشى تونۇشلۇقى بولغان بىر كاندىدات ئىكەنلىكىنى نامايان قىلماقتىكەن. ئۇ مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ ؛ «قىزىقارلىق يېرى، كىشىلەر مېنىڭ سىياسىي قارىشىم ھەققىدە ئەمەس، كۆپىنچە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەققىدە سوئال سوراۋاتىدۇ. بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن مەن بۇنى توغرا چۈشەندىم» دېگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئارفىيە ئاخبارات ساھەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە قەتئىي ھالدا «شىنجاڭ» دېگەن نامنى قوللىنىشنى رەت قىلىپ كەلگەنىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا «ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىسلىسىز زۇلۇملار» دېگەن جۈملىنى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغانىكەن.

ئارفىيە بۇ ھەقتە ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر بولۇشى تۈپەيلىدىن بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ بۇ سايلام رىقابىتىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى، بۇ جەرياندا ياپونىيەدىمۇ «كۆپ خىللىق» قا بولغان مايىللىقنىڭ ئېشىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن. سايلام نەتىجىسى 10-ئىيۇل كۈنى مەلۇم بولىدىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ياپونىيە پارلامېنتىدىكى يېتەكچى كۈچ بولغان ئەركىن دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ سايلامدا ئۇتۇپ چىقىش ئېھتىماللىقى زور، دەپ قارالماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.