دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ب د ت دا ھەقىقىي ۋە كونكىرېت ھەرىكەت قوللىنىپ، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارىياتى ئىشخانىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دوكلاتىغا ئىنكاس بىلدۈرۈشكە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دەپسەندىچىلىكىنى جاۋابكارلىققا تارتىشقا چاقىرغان.
چاقىرىقتا «ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ (خىتاينى) جاۋابكارلىققا تارتىشى، ئۇيغۇر قۇربانلىرىنىڭ ئادالەتكە ئېرىشىشىگە كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن كونكىرېت تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى» تەلەپ قىلىنغان. چاقىرىقتا يەنە ياپونىيەنىڭ ئاسىيا، تىنچ ئوكيان رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيەنى ئالغا سۈرۈشتە ئەڭ تەسىر كۈچكە ئىگە بولغان بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتىدە «بۇ قىممەت قارىشىدا چىڭ تۇرۇشى، جۈملىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى چىڭ تۇرۇشى» ئىلتىجا قىلىنغان.
چاقىرىقتا «ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش يولىدىكى ھازىرقى ۋە كەلگۈسىدىكى ھەرىكەتلەرنى قوللىشى» نى، بۇنىڭ ب د ت دا مەخسۇس مۇنازىرە ئېلىپ بېرىپ، شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتىنى نازارەت قىلىدىغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش كومىتېتى قۇرۇشنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلغان. بۇ چاقىرىق دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك بىر ئۆمەك ياپونىيەنى زىيارەتكە قىلىشقا باشلىغان، شۇنداقلا ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى كامالا خاررىس باشچىلىقىدىكى بىر ئامېرىكا ھۆكۈمەت ۋەكىللەر ئۆمىكى مەرھۇم سابىق باش ۋەزىر شىنزۇ ئابېنىڭ دۆلەتلىك تەزىيە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ياپونىيەگە يېتىپ كەلگەن بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مۇئاۋىن پرېزىدېنت كامالا خاررىس بىلەن ياپونىيە باش ۋەزىرى فۇمىئو كىشىدا 26-سېنتەبىر كۆرۈشۈپ، خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى ھەركىتىنى ئەيىبلىگەن.
ھالبۇكى، مەزكۇر سۆھبەتتە تەرەپلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تىلغا ئالغان-ئالمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس. ئاقساراينىڭ باياناتىدا كامالا خاررىس بىلەن كىشىدانىڭ «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تەيۋەن بوغۇزىدىكى يېقىنقى ئىغۋاگەرچىلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىزلىكىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقى» نى، «تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى قايتا تەكىتلىگەنلىكى» نى بىلدۈرگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، كامالا خاررىس يەنە ئامېرىكانىڭ ياپونىيەنى قوغداش ۋەدىسىنىمۇ قايتا تەكىتلگەن.