دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتيىى رەھبىرى ياپونىيەنى «قۇرۇق ۋەدىسى» نى ئاز قىلىپ ئەمىلى ئىش قىلىشقا چاقىرغان
2022.09.30
ياپونىيەنى زىيارەت قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا، 30-سېنتەبىر ياپونىيە خەلقئارا مۇخبىرلار كۇلۇبىدا ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيەنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىشىشتا «قۇرۇق ۋەدىنى ئاز قىلىپ، كۆپرەك ئەمەلىي ھەرىكەت قىلىش» قا چاقىرغان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دولقۇن ئەيسا ئۆزىنىڭ ياپونىيەگە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشۈش ۋە ھۆكۈمەتنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدىكى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە ئائىت مۇنازىرىگە قاتنىشىشىغا چاقىرىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى ئېيتقان.
ئۇ مۇخبىرلارغا ياپونىيەنىڭ بۇ مەسىلىدىكى قارارلىرى ۋە باياناتلىرىنىڭ «قۇرۇق ۋەدە بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى توختىشىشتا يېتەرلىك ئەمەسلىكى» نى بىلدۈرگەن. خەۋەردە ئۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى بىلدۈردى: «ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارىتا تېخىمۇ ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىش مەسئۇلىيىتى بار».
رويتېرسنىڭ ئېيتىشىچە، دولقۇن ئەيسا يەنە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئامېرىكا، ئەنگلىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىنىڭ قوللاشقا ئېرىشىشى ئۈچۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى جايلىرىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى 4 كىشىلىك بىر ئۆمىكى ئۆتكەن ھەپتە ياپونىيەگە يېتىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ياپونىيە زىيارىتى ئامېرىكا، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ سۇنغان تەكلىپى كېلەر ھەپتە ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇلىدىغان بىر پەيتتە ئېلىپ بېرىلغان.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر مەسىلىسى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ كېلەر يىلى 1-ئايدىكى يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنىشى ئۈچۈن تەكلىپ لايىھەسى قاتتىق بۆلۈنۈشكە كىرىپ قالغان كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە كېلەر ھەپتە كۆپ سانلىق ئاۋازنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى كېرەك ئىكەن.