كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىشقا چاقىردى

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ، ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مەجبۇرىي ئەمگەك بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلغان.

ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ھاكىمىيەت بېشى ۋە ھاكىمىيەت سىرتىدىكى پارتىيەلەرگە مەنسۇپ بولغان بىر گۇرۇپپا ئەزاسى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرىدا چاقىرىق ئېلان قىلىپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىدىن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئاليۇمىن سانائىتىدە مەۋجۇت ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان. ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2023-يىلى 10-ئايدا ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدىن كېيىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى شۇ قېتىملىق دوكلاتىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاليۇمىن سانائىتىدە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئىشلىتىلىدىغانلىقى، تويوتانى ئۆز ئىچىگە ئالغان داڭلىق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ داۋاملىق ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە ئارىلاشقان ئاليۇمىن مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا بۆلۈمىنىڭ پىروگرامما دىرېكتورى تېپېي كاساي 19-مارت ئېلان قىلغان چاقىرىقىدا، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ چاقىرىقىغا قۇلاق سېلىپ، تېزدىن كىشىلىك ھوقۇق ھوشيارلىق قانۇنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق جازا قانۇنلىرىنى ماقۇللاشقا چاقىرغان. مەلۇم بولۇشىچە، ياپونىيە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئاليۇمىن سانائىتى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تەكشۈرۈش چاقىرىقى ياپونىيە پارلامېنتىدا 2021-يىلى قۇرۇلغان «پارلامېنت كىشىلىك ھوقۇق دىپلوماتىيەسىنى قايتا ئويلىشىش جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

مەزكۇر جەمئىيەت ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ ئۆكتىچى ۋە ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت ئەزالىرىدىن تەشكىل تاپقان ئىدى. ياپونىيە خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە قاتتىق ئېھتىياتچان بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە پارلامېنتىدا قۇرۇلغان بۇ جەمئىيەت، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىدە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى تېخىمۇ دادىل بولۇشقا چاقىرىپ كەلگەن.