ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا «ياپونىيە تارىخنى ياخشى ئۆگەندى» دېدى

ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرى سۇگا چارشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يىغا جاۋاب قايتۇرۇپ، سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ياپونىيە تۇپرىقى ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ سان-فرانسىسكو كېلىشىمىدە قانۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ ئارال ياپونىيە-مەنچىڭ ئۇرۇشى ۋە ماگۈەن شەرتنامىسى ئىمزالىنىشتىن ئاۋۋال ياپونىيە زېمىنى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سېنكاكۇ ئارىلىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچياڭنىڭ گېرمانىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇنىڭ پوتسدامدا ئېلان قىلغان نۇتقى بىلەن يەنە تالاش-تارتىش قوزغىدى. ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرى سۇگا لى كېچياڭنىڭ سۆزىنى «تارىخنى پۈتۈنلەي كۆرمەسكە سالغانلىق، قەتئىي قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ» دېگەن ئىدى. لى كېچياڭ 26‏-ئاپرېل گېرمانىيەنىڭ براندېنبۇرگدىكى پوتىسدام يىغىن مەيدانىنى زىيارەت قىلغان ۋە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا ياپونىيە «پوتىسىدام چاقىرىقى» ۋە «قاھىرە خىتابنامىسى»نىڭ روھىغا ئاساسەن جۇڭگودىن تارتىۋالغان شەرقىي-شىمال، تەيۋەن ۋە ئاراللارنى قايتۇرۇپ بېرىشى كېرەك ئىدى، دەپ كۆرسەتكەن.

سەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ۋاڭ يى ياپونىيە كابىنېت مىنىستىرىنى تەنقىدلەپ، ياپونىيەنىڭ «قاھىرە خىتابنامىسى» ۋە «پوتىسدام چاقىرىقى» نى ئەستايىدىل كۆرۈپ چىقىشى، تارىخنى ياخشى ئۆگىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن. سۇگا مۇخبىرلارنىڭ ياپونىيە «قاھىرە خىتابنامىسى» ۋە «پوتىسدام چاقىرىقى»نى قانۇنى كۈچكە ئىگە ئەمەس، دەپ قارامدۇ، دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، سېنكاكۇ ئارىلى بۇنىڭدىن ئاۋۋال ياپونىيە تۇپرىقى ئىدى. بۇ «پوتىسدام چاقىرىقى» دىن ئاۋۋال بېكىتىلگەن. ياپونىيە تارىخنى ياخشى ئۆگەندى، دەپ تەكىتلىگەن.