ياپونىيە خىتايغا قارشى ئۇزۇن مۇساپىلىق باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئويلاشقان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە «يۇمىئۇرو شىنبۇن» گېزىتىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە 1000 كىلومېتىرلىق ئۇچۈش مۇساپىسىغا ئىگە كرۇز باشقۇرۇلىدىغان بومبىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتايغا قارىتا قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشنى ئويلاشقان. خەۋەردە ھۆكۈمەت مەنبەلىرىنىڭ بەرگەن ئۇچۇرى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇلماقچى بولغان باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ مۇساپىسى 100 كىلومېتىردىن 1000 كىلومېتىرغا ئۆرلىتىپ ئۆزگەرتىلگەن مەۋجۇت قوراللار ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

«يۇمىئۇرو شىنبۇن» گېزىتى، بۇ قوراللارنىڭ پاراخوت ياكى ئايرۇپىلاندىن قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ نەنسەي ئاراللىرى ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى، بۇ قوراللارنىڭ خىتاي ۋە شىمالىي كورىيە دېڭىز سەھىللىرىغا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ياپونىيەنىڭ قارارىغا دائىر بۇ خەۋەر خىتاينىڭ تەيۋەن بوغۇزى ۋە جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەربىي قۇتراتقۇلۇق ھەركىتى كۈچىيىتىپ، بۇ رايوندىكى دۆلەتلەرنى قاتتىق بىئارام قىلىۋاتقان بىر ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان. خىتاي ئامېرىكا ئاۋام پالاتا رەئىسى نەنسى پېلۇسىنىڭ تەيۋەننى زىيارەت قىلىشىنى باھانە قىلىپ، تەيۋەن بوغۇزى ئەتراپىدا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بارغان. خىتاي ئاتقان بىر باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياپونىيە دېڭىز ئىقتىسادىي رايونىغا چۈشكەن ئىدى.

ياپونىيەنىڭ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ئاساسىي قانۇنى ئۇنىڭ ھەربىي كۈچىنىڭ پەقەت ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈنلا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بەلگىلىگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ھەربىي قۇتراتقۇلۇق ھەرىكەتلىرى ياپونىيەنى ھەربىي خامچوتىنى كۆپەيتىپ، ئۇنىڭ چەت ئەل نىشانلىرىغا قارىتا تېخىمۇ قەتئىي ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى ئېلىشقا مەجبۇرلىماقتا ئىكەن.