ياپونىيە، فۇكۇشىما يادرو ئىستانسىسىدىن سۇ قويۇپ بېرىشتىن كېيىن، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيەدىكى دۇكان ۋە ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىپ، پاراكەندىچىلىك سېلىشىغا قارىتا خىتايغا نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ 28-ئاۋغۇست بىلدۈرۈشىچە، ياپونىيەنىڭ فۇكۇشىما يادرو ئىستانسىسى تىنچ ئوكيانغا رادىئاكتىپلىق سۇ قويۇپ بەرگەندىن كېيىن، ياپونىيە خىتايدىن كەلگەن پاراكەندىچىلىك خاراكتېرىدىكى نۇرغۇن «ئەپسۇسلىنارلىق» تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالغان. بۇنىڭغا قارىتا ياپونىيە خىتايغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەن. ياپونىيە ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى رادىئاكتىپلىق سۇ قويۇپ بېرىشنى باشلاپ، فۇكۇشىما يادرو ئىستانسىسىنى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىشنىڭ ئاچقۇچلۇق قەدىمىنى باسقان.
فۇكۇشىما يادرو ئىستانسىسى 2011-يىلى دېڭىز شاۋقۇنىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، بۇنىڭدىن 25 يىل ئاۋۋال يۈز بەرگەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ چېرنوبىل يادرو ئىستانسىسى ۋەقەسىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يادرو رادىئاتسىيەسىنىڭ چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنىدى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە كابىنېت باش كاتىپى خىرىكازو ماتسۇنو، ياپونىيەنىڭ خىتايدىن ئۇرۇلغان نۇرغۇن تېلېفونلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بۇ تەرەققىيات كىشىنى بەك ئەپسۇسلاندۇرىدۇ، شۇنداقلا بىز ئۇنىڭدىن ئەندىشە قىلدۇق» دەپ كۆرسەتكەن. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماساتاكا ئوكانى خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسىنى چاقىرتقان. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى 28-ئاۋغۇستتىكى كۈندىلىك ئاخبارات يىغىنىدا، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ياپونىيەگە تېلېفون قىلىپ پاراكەندىچىلىك سېلىش ھادىسىسىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن خىتاينىڭ ياپونىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى ئۆزلىرىنىڭمۇ ياپونىيەلىكلەر ئۇرغان بۇ خىل پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرىنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى ئېيتقان.
خىتاي ئەلچىخانىسى ئېلان قىلغان بۇ ھەقتىكى باياناتىدا، خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلىرىغا «ياپونىيەنىڭ نۇرغۇن پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرى» نىڭ كېلىپ، ئەلچىخانا ۋە كونسۇلخانىلارنىڭ «نورمال مەشغۇلاتىغا جىددىي دەخلى قىلغانلىقى» نى ئېيتقان. لېكىن ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ خىل پاراكەندىچىلىك تېلېفونلىرى ياپونىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئورگانلىرىغىمۇ كەلگەن. ياپونىيە باش مىنىستىرى فۇمىئو كىشىدا بېيجىڭنىڭ «پۇقرالىرىغا ئۆزىنى تۇتۇۋېلىش ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇش» ھەققىدە كۈچلۈك چاقىرىقتا بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.