ياپونىيە خىتاينىڭ ھەربىي تەھدىتىگە قارشى قوراللىنىش قەدىمىنى تېزلەتكەن

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2022.10.19

رويتېرس ئاگېنتلىقى 19-ئۆكتەبىر كۈنى ئانالىز ماقالىسى ئېلان قىلىپ، ياپونىيەنىڭ 2027-يىلىنى ۋە خىتاينىڭ تەيۋەنگە قوراملىق ھۇجۇم قىلىش خەۋپىنى كۆزدە تۇتۇپ، قايتا قوراللىنىش قەدىمىنى تېزلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە بىخەتەرلىك ئانالىزچىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ياپونىيە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان 20-قۇرۇلتىيى بىلەن 2027-يىلى ‍ئېچىلىدىغان 21-قۇرۇلتىيىغىچە بولغان 5 يىلدا، خىتاينىڭ شەرقىي ئاسىيادا ئۇرۇش قوزغىشىغا قارشى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ قوراللىنىشنى باشلىغان.

ماقالىدا، ياپونىيەنىڭ 2019-يىللىق مۇداپىئە ئاق تاشلىق كىتابىدا خىتاينى ئۆزىنىڭ ئاساسلىق رەقىبى دەپ بېكىتكەنلىكى، بېيجىڭنىڭ خەلقئارا تەرتىپكە خىلاپلىق قىلىشى، تەيۋەنگە بولغان بېسىمى ۋە ئۇنىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇشى جىددىي بىخەتەرلىك ئەندىشىسى پەيدا قىلغانلىقىى بىلدۈرۈلگەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىناغا قوراللىق ھۇجۇم قىلىشى بۇ ئەندىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، ياپونىيە جامائەت پىكىرىنىڭ قايتا قوراللىنىشقا بولغان قارشىلىقىنى پەسەيتكەن. رويتېرس ئاگېنتلىقى ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ 2027-يىلى شەرقىي ئاسىيادىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى خىتاينىڭ پايدىسىغا ئۆزگىرىشى مۇمكىن، شۇڭا ياپونىيە ھۆكۈمىتى مۇداپىئە چىقىمىنى تېخىمۇ كۆپەيتىدۇ، دەپ ئېيتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ماقالىدا، 2027-يىلى خىتاي كومپارتىيەسى ۋەكىللىرىنىڭ بېيجىڭغا قايتا يىغىلىپلا قالماي، بۇ يەنە خىتاينىڭ ھەربىي زامانىۋىلاشتۇرۇش يول خەرىتىسى ۋە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇھىم باسقۇچ ئىكەنلىكى، ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان قىسىملىرىنىڭ قوماندانى، ئادمىرال فىلىپ دەيۋىتسوننىڭ شۇ يىلى خىتاينىڭ تەيۋەنگە بولغان تەھدىتى «مۇئەييەنلىشىدۇ» دېگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ماقالىسى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بلىنكېننىڭ خىتاينىڭ تەيۋەنگە ھۇجۇم قىلىشى بۇرۇن ئويلىغاندىنمۇ تېز بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈشىنىڭ ئارقىسىدىنلا ئېلان قىلىندى. بلۇمبېرگ ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بلىنكېن 17-ئ‍ۆكتەبىر كۈنى خىتاينىڭ تەيۋەننى ئىلگىرى ئويلىغاندىنمۇ «تېزرەك ۋاقىتتا» ئىگىلەشنى قارار قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.