ياپونىيە «سانكەي شىمبۇن» گېزىتى تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى توختىتىشقا چاقىرغان

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2022.06.09

ياپونىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىنىڭ بىرى بولغان «سانكەي شىمبۇن» (Sankei Shimbun) گېزىتى ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىلىق بىر پارچە تەھرىرات ماقالىسى ئېلان قىلغان. مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىغا «ب د ت خىتايغا باردى، بىراق خىتاينىڭ 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرغا قىلىۋاتقان دۆلەت زۇلۇمىنى كۆرمەسكە سالدى» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان.

ياپونىيەدىكى ئەڭ داڭلىق گېزىتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسدىكى رەسمىي مەيدانىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بۇ مۇھىم ماقالىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشېل باچېلېتنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا ئېلىپ بارغان ئىككى كۈنلۈك نەتىجىسىز ۋە ئەھمىيەتسىز زىيارىتى ئەيىبلەنگەن. ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ياپونىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر مەسىلىسىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە، خىتاينى بولسا ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا چاقىرغان.

ماقالىدا مۇنۇلار دېيىلگەن: «ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كومىسسارى مىشېل باچېلېت خىتاينىڭ نەچچە مىڭ پارچە ئاشكارىلىنىپ كەتكەن ھۆججەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان جازا لاگېرلىرىدىكى دەھشەتلىك ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا تەكشۈرەلمىدى. . . ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەنسىرىگىنىدەك، ئۇيغۇر ۋە رايوندىكى باشقا يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتىلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىككە ئائىت رېئاللىقنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بېيجىڭنىڭ تەشۋىقات قورالى بولۇش رولىنى ئوينىدى.»

مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىدە يېقىندا ئاشكارىلانغان «شىنجاڭ ساقچى ھۆججەتلىرى» نىمۇ تىلغا ئېلىپ، «مىشېل باچېلېتنىڭ زىيارىتى تەكشۈرۈش خاراكتىرلىق زىيارەت بولمىسا، ئۇنىڭ ئۇ يەردە نېمە ئىشى بار ئىدى، بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى زادى نېمە ئىدى؟» دەپ سوئال قويغان.

ماقالىدە ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىكى خىتاي كومپارتىيەسى رەھبەرلىرىنىڭ «چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن ھەرقانداق ئۇيغۇرنى تۇتقۇن قىلىش، بىر قانچە قەدەم قاچسىلا نەق مەيداندا ئېـتىپ ئۆلتۈرۈش» ھەققىدە بەرگەن بۇيرۇقلىرى تىلغا ئېلىنغان. ئاندىن «مانا بۇلار بۇ لاگېرلارنىڭ ھەرگىزمۇ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشنى مەقسەت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ،» دەپ يېزىلغان.

مەزكۇر تەھرىرات ماقالىسىنىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە مۇنداق دەپ خىتاب قىلىنغان: «ياپونىيە خىتايغا جازا يۈرگۈزۈشتە ئىككىلىنىپ قالدى، ئەمما ھازىر خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئائىت مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىتلار ئاشكارىلاندى. ياپونىيە ئاسىيادىكى دېموكراتىك دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن چوقۇم جازانى كۈچەيتىپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش باشلىشى كېرەك.»

ماقالىدە يەنە مۇنۇلار دېيىلگەن: «ئاشكارىلانغان ھۆججەتلەردىكى پاكىتلارغا ئاساسەن كىشىلەر ئەمدى بېيجىڭنىڭ ‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خەلقلەر بەختلىك ياشاۋاتىدۇ› دەيدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى يالغانچىلىقلارغا ئىشەنمەيدۇ. بېيجىڭ گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ ئۆتكۈزۈشنى توختىتىشى ۋە بۇ رايوندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق يۈرگۈزىۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلىشى كېرەك.»

ياپونىيەدىكى ئەڭ مەشھۇر مەتئۇئاتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىدىكى رەسمىي مەيدانىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان بۇ ماقالە، چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى خۇرسەن قىلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.