ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ ئاۋات ۋە كەلپىن ناھىيەلىرى 250 نەپەردىن ئارتۇق ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىكەن

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساقچى كۈچىنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، قەشقەر، ئاقسۇ ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى 3 ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا بۇ يىلنىڭ فېۋرال ئېيىدىن بۇيان زور ساندا ساقچى، ياردەمچى ساقچى ۋە بىخەتەرلىك خادىملىرى قوبۇل قىلىنىشقا باشلىغان.

ئاۋات ناھىيەلىك ھۆكۈمەت تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ناھىيەلىك ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 26-ماي كۈنى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىي 160 نەپەر ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇقتۇرۇشتا دېيىلىشىچە، قوبۇل قىلىنىدىغان ياردەمچى ساقچىلار ناھىيە تەۋەسىدىكى ھەر بىر كەنت ۋە مەھەللىلەردە قۇرۇلغان تەكشۈرۈش توساقلىرىدا، يەنى ھۆكۈمەت «خەلققە قۇلاي ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى» دەپ ئاتاۋاتقان قاراۋۇلخانىلاردا كۆزەتچىلىكتە تۇرىدىكەن.

26-ماي كۈنى كەلپىن ناھىيەلىك ھۆكۈمەتمۇ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جەمئىي 95 نەپەر خىزمەتچى خادىم قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ «خەلققە قۇلاي ساقچى مۇلازىمەت پونكىتى» دا خىزمەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ھەر ئىككى ناھىيەنىڭ ياردەمچى ساقچى قوبۇل قىلىش ئېلانىدا ج. خ. سىستېمىسىدا ئىشلەپ خىزمەت كۆرسەتكەن، مەملىكەت بويىچە ساقچى نەمۇنىسى بولغان ياكى «ئىنقىلابىي قۇربانلار» ئائىلىسىگە مەنسۇپ بولغان نامزاتلارنىڭ ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.